باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزى كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى مەخسۇس خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى

2015.11.11 13:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىغا بولغان دىققىتىگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزى كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەخسۇس خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىگە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تونۇشتۇردى.

  مەخسۇس خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىغا تاشقى ئالاقە بۆلۈمى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى دىڭ شىياۋىن رىياسەتچىلىك قىلدى، مەركەز مالىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ ۋېيمىن تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى ھەم ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. 30 دىن ئارتۇق جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى ياكى ۋاقىتلىق ۋاكالەتلىك ئىش بىجىرگۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 120 دۆلەتنىڭ 150 كۆپرەك ئالىي دىپلوماتى بۇ قېتىمقى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىغا قاتناشتى.

  ياڭ ۋېيمىن 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تونۇشتۇردى ھەمدە 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى چۆرىدىگەن ھالدا، پىلانىنى تۈزۈش جەريانى، ئاساسىي لوگىكىسى، ئاساسلىق نىشانى، بەش چوڭ ئىدىيەسى ۋە ئۇنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپە، تەدبىرلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق چۈشەندۈردى، ئەلچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان مەسلىلەرگە جاۋاب بەردى. ياڭ ۋېيمىن پۈتكۈل پىلانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل، ئىچىۋېتىش، ھەمبەھىرلىنىش تەكلىپىنى نۇقتىلىق چۈشەندۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر