باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالتىنچى نۆۋەتلىك تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۆگىنىش مۇنبىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2015.11.11 13:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، «شەھەر-بازارلاشتۇرۇش جەريانىدىكى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش» باش تېمىسىدىكى ئالتىنچى نۆۋەتلىك تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۆگىنىش مۇنبىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاش، تۆۋەن چەككە مەسئۇل بولۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى بىخەتەرلىك تورىنى كاپالەتلىك قىلىدۇ. ۋاڭ يوڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاۋالقىدەكلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى پائال قوللايدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، ھەر قايسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ بەخت سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر