باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەش مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2015.09.01 16:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەشنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلار ئالاقىدار تارماقلاردىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش قارارى ۋە دۆلەت رەئىسىنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقىنى ئەستايىدىل ئىزچىل يولغا قويۇپ، بۇ قېتىمقى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرۇچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ،ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئويلىشىش ۋە تەتبىقلاش شەرتىنى توغرا ئىگىلەپ، دائىرىنى چىڭىتىش ،ئېھتىياتچانلىق بىلەن پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرمۇ ئادەمنى خاتا قويۇپ بەرمەسلىك، كەچۈرۈم قىلىشقا تېگىشلىك بىرمۇ كىشىنى قالدۇرماسلىق خىزمىتىنى ھەقىقىي ئىشلەپ، قانۇن ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىشنى قانۇن تەرتىپ بويىچە بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ھوقۇقى ئارقىلىق ئۆز نەپسىنى كۆزلەش، ھوقۇق پۇل سودىسى قىلىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق يولغا قويۇش چارىسىنى بىرلىكتە تۈزۈپ، ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەش كونكرېت بەلگىلىمىسىنى چىقاردى.






ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر