باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يانفون ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى

2015.09.01 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

تارىختىكى ئەڭ قاتتىق دەپ تەرىپلەنگەن يانفون ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى بۈگۈندىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپى بويىچە بۈگۈندىن باشلاپ تېلېگراف تىجارەت سودىگەرلىرى تۈرلۈك سېتىش يوللىرى بىلەن يانفون كارتىسى ساتقاندا سېتىۋالغۇچىدىن كىملىكىنى چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە نەق مەيداندا 2-ئەۋلاد كىملىكنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىدا تەكشۈرىدۇ، ھەقىقىي ئىسمى بولمىغان كونا خېرىدارلاردىنمۇ ھەقىقىي ئىسمىنى تولۇقلاپ تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ھەقىقىي ئىسمى بولمىغان كونا خېرىدارلارنىڭ تېلېفونى توختىتالامدۇ؟ سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى خەۋەرلىشىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاۋ جىگو ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن تورغا كىرگەن ھەقىقىي ئىسمى بولمىغان خېرىدارلارغا قارىتا تېلېگراف تىجارەت سودىگەرلىرى ئۇلارغا يېڭى كەسىپ ئېچىپ، تېلېفون كارتىسىنى ئالماشتۇرغاندا تولۇقلاپ تىزىملاشنى قانۇن بويىچە ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە تېلېفون ھەققىنى يىغىپ مۇكاپاتلاش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ خېرىدارلارنى تولۇقلاپ تىزىملاشقا يېتەكلەپ، يىل ئاخىرىدىن ئىلگىرى ھەرقايسى تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ خېرىدارلار ھەقىقىي ئىسمىنى تىزىملىتىش نىسبىتىنى %90 دىن ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر