باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باج ئىشلىرىدىكى 14 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2015.04.03 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 2-ئاپرېل تېلېگراممىسى. «خەلققە قولايلىق باج ئىشلىرىنى بېجىرىش باھار شامىلى ھەرىكىتى»نى كەڭ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت باج باش ئىدارىسى يېقىندا باج ئىشلىرىدىكى 14 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىقنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقى ۋە مەملىكەت بويىچە باج تاپشۇرغۇچىلار مۇلازىمەت ئۆلچىمىنىڭ 2.1 نەشرىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرغان باج ئىشلىرى مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى ئىچىدە 13 تۈر گوۋۇيۈەننىڭ قارارىغا ئاساسەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، دۆلەت باج باش ئىدارىسى پەقەت «ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى تاپشۇرۇپ تىزىملاتمىغانلارنىڭ باج قايتۇرۇشىنى تەكشۈرۈش»تىن ئىبارەت بىر مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، تەستىق تۈرلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتىپ ئېڭى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشىنى كۈچەيتىدىكەن. بۇ قېتىم يولغا قويۇلغان باج تاپشۇرغۇچىلار مۇلازىمەت ئۆلچىمىنىڭ 2.1 نەشرى بولسا، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك باج ئورگانلىرى بۇ يىل 1-مارتتىن باشلاپ يولغا قويغان باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ مۇلازىمەت ئۆلچىمى ئاساسىدا، باج تاپشۇرغۇچى ۋە جايلاردىكى باج تارماقلىرىنىڭ تەكلىپ-پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تۈزگەن يېڭى مۇلازىمەت ئۆلچىمى بولۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج بېجىرىش يۈكىنى يەنىمۇ يەڭگىللىتىشكە پايدىلىقكەن.

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر