باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسەتنى «سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش»نىڭ جاۋابى بولۇشى كېرەك

2015.04.03 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى، بېيجىڭ،3-ئاپرېل تېلېگراممىسى :ھازىر، قىسمەن جايلار يېڭى ھۆججەت، يېڭى سىياسەتلەرنى يولغا قويغاندا داۋاملىق «سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ»دەپ تەڭشەش بوشلۇقى قويۇپ، چوڭ خاتالىق سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. لېكىن نۇرغۇن ھۆججەت، سىياسەتلەرنىڭ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ۋاقتى توشقاندىن كېيىنمۇ «ئۆزگەرتىلگەن» ياكى رەسمىي نۇسخىسىنىڭ چىقمىغانلىقىنى كىشىنى ئويغا سالىدۇ.

  سىياسەتنى يولغا قويۇش جەريانىدا ئويلاپ باقمىغان نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر ئۇچرايدۇ، شۇڭا ماسلىشىش مەزگىلى بېكىتىپ، بىر تەرەپتىن سىناق قىلىپ بىر تەرەپتىن مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر. لېكىن زۆرۈر بولغان سىناقتىن كېيىن «ئارقىغا قاراپ كۆرۈپ بېقىپ»، قايسى بەلگىلىمىلەرنى ئۆزگەرتىش، قايسى ھالقىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تېپىشى ۋە سىناق تەرىقىسى توشقان ھۆججەتلەرنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشى كېرەك. بۇ ھەم ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ رېئال تەلىپى ھەم تۈزۈمنى قايتىدىن ئورنىتىشنىڭ ئىچكى تەلىپى. كىشىلەر ئىش بېجىرگىلى كەلگەندە پايدىلىنىدىغان ئۆلچەم دەل سىياسەت ھۆججىتى. رېئال مۇھىتنىڭ تەرەققىياتى ئۆزگۈرۈپ، «سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان» ھۆججەت ئۆزگەرتىلمىسە، بۇنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ، بۇ كىشىلەرنى ئازگالغا ئىتتىرگەنلىك بولىدۇ.

  ھازىر، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نۇرغۇن ساھەلەردە يەنىلا تەجرىبە توپلاش باسقۇچىدا بولۇپ، سىناق تەرىقىسىدە ھۆججەت تارقىتىشتىن ساقلىنالمايدۇ. قەرەللىك رەتلەپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېگىشلىكىنى قالدۇرۇپ، تۈزىتىشكە تېگىشلىكىنى تۈزىتىپ، ۋاقتىدا رەسمىيلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ئىسلاھاتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى بولغان تۈزۈم مۇھىتى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر