باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىرما زۇڭتۇڭىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بىرما ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ پارتلاپ جۇڭگو چېگرىسىدىكى كىشىلەرنى تالاپەتكە ئۇچراتقانلىقى توغرىسىدا جۇڭگو تەرەپتىن كەچۈرۈم سورىدى

2015.04.03 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاپرېل تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يى 2-ئاپرېل بىرما زۇڭتۇڭىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى ۋۇننا مائۇڭ لۋىن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: 13-مارت، بېرمىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانى پارتلاپ جۇڭگو چېگرىسىدىكى كىشىلەرنى تالاپەتكە ئۇچراتتى. جۇڭگو تەرەپ كۆپ قېتىم بېرما تەرەپكە بۇ ئىشقا بولغان قاتتىق پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى. نەق مەيداندا بىرلىشىپ تەكشۈرۈش ۋە كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، ھازىر ۋەقەنىڭ ئورنى ۋە مەسئۇلىيىتى ئايدىڭ بولدى. جۇڭگو-بىرما چېگرىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە جۇڭگو-بىرما مۇناسىۋىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن، بىرما تەرەپنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋۇننا مائۇڭ لۋىن مۇنداق دېدى: مەن زۇڭتۇڭ زېين سېيننىڭ ھاۋالىسى بىلەن جۇڭگو چېگرىسىدىكى كىشىلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچراش ۋەقەسىنى مەسلىھەتلىشىپ بىر تەرەپ قىلىشقا كەلدىم. ئالدى بىلەن، بىرما تەرەپ بىرلىشىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، يەنى بىرمىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانى پارتلىغانلىقتىن جۇڭگو چېگرىسىدىكى كىشىلەر تالاپەتكە ئۇچرىغان. مەن بىرما ھۆكۈمىتى، بىرما ئارمىيەسىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو تەرەپتىن كەچۈرۈم سورايمەن، تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. بىرما تەرەپ تۆلەم بېرىش توغرىسىدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىنى ساقلاشنى ۋە ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىرما تەرەپ يەنە ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنىڭ قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ جازالايدۇ ۋە ئىچكى قىسىمنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قايتا سادىر قىلمايدۇ. بىرما تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-بىرما چېگرا رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئىككى تەرەپ زىچ ھەمكارلىشىپ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، جۇڭگو-بىرمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قوشۇلدى.

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر