باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى نىزامى» 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىلىدۇ

2015.04.01 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 31-مارت تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن 31-مارت «ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى نىزامى»نى ئېلان قىلىپ، 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. نىزامنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئامەت پۇل سۇغۇرتىسى چەكلىك سوممىلىق تۆلەم تۆلەشنى يولغا قويۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىدىكەن. ئەڭ يۇقىرى تۆلەم چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاپپاراتنىڭ راسچوت مۈلكىدىن قانۇن بويىچە تۆلەپ بېرىدىكەن. ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى فوندىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى بەلگىلەنگەن ئەھۋال يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ يەتتە خىزمەت كۈنى ئىچىدە بەلگىلىمىگە ئاساسەن پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ سۇغۇرتا ئامانەت پۇلىنى تولۇق تۆلەپ بېرىدىكەن.

  «نىزام»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدە تەسىس قىلىنغان سودا بانكىسى، يېزا ھەمكارلىق بانكىسى، يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى قاتارلىق ئامانەت پۇلى قوبۇل قىلىدىغان بانكا كەسپىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى(تۆۋەندە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ سۇغۇرتىلاتقۇچى ئاپپارات دېيىلىدۇ)، نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسىنى سۇغۇرتىلىتىشى كېرەك. سۇغۇرتىلانغان ئامانەت پۇلى سۇغۇرتىلاتقۇچى ئاپپارات قوبۇل قىلغان خەلق پۇلى ئامانىتى ۋە چەت ئەل پۇلى ئامانىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپداشلار ئارا ئامانەت پۇلى، سۇغۇرتىلاتقۇچى ئاپپارات يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئۆز سۇغۇرتىلاتقۇچى ئاپپاراتتىكى ئامانەت پۇلى ۋە ئامانەت پۇل سۇغۇرتىسى فوندىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلىگەن سۇغۇرتىلانمايدىغان باشقا ئامانەت پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر