باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى مۇشۇ ھەپتىدە باشلىنىدۇ

2015.03.23 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش بانكىسى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىدۇ

  بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2015-يىللىق يىغىنى 26-مارتتىن 29-مارتقىچە خەينەن ئۆلكىسىنىڭ بوئاۋ بازىرىدا ئېچىلىدۇ. بازار تەھلىلچىلىرىنىڭ قارىشىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» بۇ قېتىملىق مۇنبەرنىڭ يادرولۇق تېمىسىغا ئايلىنىدىكەن، مەبلەغ سالغۇچىلار ئىككى چوڭ مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىگە دىققەت قىلسا بولىدىكەن.

  ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش بانكىسى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىدۇ

  كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش بانكىسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»، شۈبھىسىز بۇ قېتىملىق مۇنبەر يىللىق يىغىنىنىڭ قىزىق نۇقتىسى ۋە مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ. يېقىندا جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش بانكىسى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى بېرىش قىزغىنلىقى ئاشتى. ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 20-مارت بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قوشۇلۇشنى قارار قىلغان. ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تۆت ئىقتىساد گەۋدىسىمۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

  بۇ قېتىملىق بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق تېمىغا ئايلىنىدۇ، ئالاقىدار رەھبەرلەر مەخسۇس تېمىدا سۆز قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ياڭ جيېچى 28-مارت چۈشتىن كېيىن 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى توغرىسىدا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باشلىقى شۇۋ لياڭجېن 27-مارت چۈشتىن كېيىن «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە شىياڭگاڭنىڭ پۇرسىتى توغرىسىدا سۆز قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يولغا قويۇش لايىھەسى، مۇھىم قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردىمۇ يېڭى ئىلگىرىلەش بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر