- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شياڭگاڭنىڭ «ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلەش» ھەرىكىتىدە چېگرا سىرتىنىڭ ئالاھىدە مەشقىنى قۇبۇل قىلغانلار مىڭدىن ئېشىشى مۈمكىن
2014.10.27 15:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى BBC نىڭ يېقىندىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: شياڭگاڭنىڭ «ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلەش» ھەرىكىتى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن شەكىللەنگەن ئەمەس، چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەر ئىككى يىل ئىلگىرى «ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلەش» پىلانىنى مەخپىي پىلانلىغان ھەمدە شياڭگاڭدىكى نامايىشقا قاتناشقۇچىلارنى ئالاھىدە تەربىيىلىگەن، ئالاھىدە تەبىيەنى قۇبۇل قىلغۇچىلار 1000 دىن ئېشىشى مۈمكىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن خادىملار شياڭگاڭدىكى «ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلەش» ۋەقەسىگە تەشكىللىگەن، پىلانلىغان ۋە قاتناشقان. مەزكۈر خەۋەردە يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكىدىكى بىر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى راجىفنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: شياڭگاڭدىكى نامايىشچىلار قارشىلىشىشتا قانداق قىلىش كېرەكلىگى ھەققىدە باشقىلار تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەن. ئالاقىدار مەزمۇنلار «تەرتىپنى قانداق ساقلاش، ساقچىلار بىلەن قانداق سۆزلىشىش، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى قانداق باشقۇرۇش، ھەر قايسى ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتىدە «قوماندانلىقنى» قانداق ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر