باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئۈگەندى

2014.10.27 15:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  24-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئۈگىنىش يىغىنى ئاچتى. ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش تەپتىش ساۋ جيەنمىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى-دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم كۈچى، تۈرلۈك تەپتىش خىزمىتىنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سېڭدۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەستىن چېرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، سۈرۈشتە قىلىش، ھارام مالنى قايتۇرۇپ كېلىش، قايتۇرۋېتىش ئۆتكۈزۈپ بېرىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. مەمۇرى قانۇن ئىجراسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە جىنايى ئىشلارنى ئەدىلىيە بىلەن باغلاش مېخانىزىمىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، دېلونى يۆتكىمەسلىك، دېلونى يۆتكەش تەس بولۇش، جەرىمانىنى جازالاشنىڭ ئورنىغا قويۇش ھادىسلىرىگە قەتئىي خاتىمە بېرىش كېرەك. ئەرىزنى قانۇن جەھەتتىن نازارەت قىلىشنى كۈچەيىتپ، ئەدىلىيەدە چېرىكلىشىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ قانۇننى نازارەت قىلىش ئورگانلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەدىلىيەنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىشەنچىلىكىنى ئۆستۈرۈش تەلىپى بويىچە، تەلەپچان، قېلىپلاشقان، ئادىل مەدەنىي ئەدىلىيە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، سوتلاشنى مەركەز قىلغان ئەرز تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق ئەدىلىيە كاپالىتىنى كۈچەيىتىپ، ئىچكى قىسمدا نازارەت قىلىش چەكلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەپتىشنىڭ ئاشكارىلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچىۋېتىلگەن، ھەركەتچان، ئېنىق، خەلققە قولايلىق تەپتىش مېخانىزىمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر