باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەن سۇلالىسى دەۋرى مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلدى

2014.10.24 09:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرى مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى 22-ئۆكتەبىر فرانسىيە دۆلەتلىك جىمىي ئاسىيا سەنئەت موزىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن فرانسىيە زوڭتۇڭى ھوللاندى كۆرگەزمىگە ئايرىم ئايرىم كىرىش سۆز يېزىپ بەردى ھەمدە بىرلىكتە نازارەتچى بولدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن فرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، زوڭتۇڭ ھوللاندى ئىككىمىز ئىككى دۆلەتنىڭ يۈرۈشلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشىنى قارار قىلدۇق. جۇڭگونىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرى مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ فرانسىيە دۆلەتلىك جىمىي ئاسىيا سەنئەت موزىيى ئۆتكۈزۈلىشى بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم تۈر.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەن سۇلالىسى دەۋرى جۇڭگو تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر دەۋىر.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 206-يىلىدىن باشلانغان 400 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت جۇڭخۇا مەدەنىيىتى غەزىنىسىگە مول مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇغلانغان ۋاقىت بولدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە جۇڭگودىكى 27 موزىيدا ساقلانغان 450 دىن كۆپرەك نادىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى كۆرگەزمە قىلىنىپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىنىڭ مول جەمئىيەت قىياپىتى كۆپ تەرەپتىن نامايەن قىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت يارىتىش ئەقىل پاراسەت جەۋھەرلىرىنى يەتكۈزدى. فرانسىيە ۋە ياۋرۇپادىكى كۆرۈرمەنلەر جوڭگونىڭ بۇ مەدەنىيەت قىممەتلىك مىراسلىرىدىن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە تارىختىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىنىپ كىلىنگەنلىكىنى ئوبرازلىق چۈشىنەلەيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى 50 يىلنى بېسىپ ئۆتتى. مەن فرانسىيىدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ، پىرېزىدېنت ھوللاندى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئومۇمىيۈزلۈك ئستراتېگىيلىك شىرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى بىرلىكتە يارىتىشنى بىرلىكتە قارار قىلدىم. پىرېزىدېنت ھوللاندى كىرىش سۆزىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇلۇغ مەدەنىيەتلىك دۆلەت. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە جۇڭگونىڭ خەن سۇلالىسى دەۋىرىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈش ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. فراسنىيە ئىمپېرىسسىئونىزم ۋەكىللىك ئەسەرلىرى ۋە بەش چوڭ موزىيدا ساقلانغان نادىر بويۇملار جۇڭگودا بىر يىل كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. بۇ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئىككى دۆلەت ئالاقىسىنىڭ سۈپىتى، ھاياتى كۈچىگە پۇرسەت يارىتىدۇ. ھەمدە مەدەنىيەت ، ساياھەت، ئىقتىساد، ئىلىم پەن ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر