باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ باي-كەمبەغەللىك پەرقى 100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى

2014.10.24 10:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل ھەيئىتىنىڭ رەئىسى جەنېت يېللېن 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ كۈنسېرى زورىيىۋاتقانلىقى، يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

  بوستوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا، يېللېن ئامېرىكىنىڭ پۇل سىياسىتى ۋە پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىكى داۋالغۇشنى تىلغا ئالماستىن، باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ كۈنسېرى زورىيىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى تەكىتلىدى ۋە كىشىلەرنى ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان چارە ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

  يېللېن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئامېرىكىدىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقى ئۆزلۈكسىز زورايدى، 2008-يىلىدىكى ئىقتىسادى بوھران جەريانىدا، بايلارنىڭ كاپىتالى ئازىيىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارغا بېرىدىغان تولۇقلىمىسىدا چېكىنىش كۆرۈلدى، «ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، ئاكسىيە بازىرىنىڭ جانلىنىشى، بايلىق ۋە كىرىمنىڭ تەڭسىزلىكى قاتارلىق ھادىسىلەر داۋاملىق كەسكىنلەشمەكتە.

  ئۇ ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ: ئامېرىكا ئەمگەك بازىرىنىڭ جانلىنىشى ۋە مائاشنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولۇپ، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى كىشىلەرنىڭ ئىككىلەمچى قەرز بوھرانىدا تارتقان زىيانلىرىنى تولدۇرۇۋېلىشىغا كىرىم ياراتمىدى دېدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇش پۇلىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبلىك، ئوقوغۇچىلارنىڭ قەرز ئومومى سوممىسى كۆپىيىپ، 2004-يىلىدىكى 260 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 2014-يىلىغا كەلگەندە، 1 تىرىلىيون 100 مىلىيارد دوللارغا يېتىپتۇ.

  يېللېن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوقوغۇچىلاردىكى بېسىمنىڭ ئېغىرلىقى، نامرات بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرەلمەسلىك مۇمكىنچىلىكىدىن، ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: يېللېننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، باشقىلار تەرىپدىن «يۇمشاق قوللۇق» دەپ قارالدى، ئەمما ئامېرىكا زاپاس پۇل ھەيئىتىدىكى «قاتتىق قوللار» بولسا تۆۋەن ئۆسۈم سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈمىدىدە. يېللېن ئىلگىرى «بىز پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىن پايدىلىنىپ تەدبىرلىرىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئەمما بىزنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىمىز پۇل-مۇئامىلە ئەمەس بەلكى ئوقەتچىلىك (ئەمەلىي ئىگىلىك)نى راۋاجلاندۇرۇش» دېگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر