باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگونىڭ ئاۋازى» تېخىمۇ ياڭراق چىقسۇن

2014.10.27 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش ئەلچى ۋاڭ يۈشېڭ 1993-يىلى جۇڭگو APEC تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەندىن بۇيان، ئالتە قېتىملىق APEC يىغىنىغا قاتناشتى. ھازىر ئۇ يەنىلا خەلقئارا مۇناسىۋەت ساھەسىدە ئۆز رولىنى ئاكتىپلىق بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتى فوندى جەمئىيىتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە. ۋاڭ يۈشېڭ APEC دا خىزمەت قىلغان چاغلىرى ھەققىدە توختالغاندا ياش قىرانلاردەك زوق-شوخ بىلەن مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى تەسىرى بارغانسېرى زورىيىۋاتىدۇ، APEC دا مەن بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم»، «بۇرۇن جۇڭگو APEC يىغىنىغا قاتناشقان بولسىمۇ، ئانچە ئېتبارغا ئېرىشەلمەيتتى. جۇڭگونىڭ كۈنسېرى قۇدرەت تېپىشىغا ئەگىشىپ تەسىر كۈچىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى، بولۇپمۇ 2001-يىلىدىكى شاڭخەي APEC يىغىنىدا جۇڭگو ساھىبخان بولدى، ئۇ چاغدىن باشلاپ «جۇڭگونىڭ ئاۋازى» تېخىمۇ ياڭراق چىقىدىغان بولدى.

  ۋۇ يۆجۈن، جوۋ جوۋ خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر