باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدىن يېڭى سىگنالى تارقالدى

2014.10.27 15:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى داۋاملىق ساقلاپ، چېرىكلىكنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي چەكلەش؛مەزمۇنى ئىلمى،تەرتىپى چىڭ، يۈرۈشلەشكەن،يۈرۈشى ئۈنۈملۈك پارتىيە ئىچى قانۇن تۈزۈم سىستېمىسى ئورنىتىش،سىياسىي ئىنتىزام ئىجرا ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش؛25-ئۆكتەبىر ئېچىلغان 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا چىقىرىلغان يۈرۈشلۈك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش سىگنالى.

  قىلچە تەۋرەنمەي چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى جازالاش پۈتۈن پارتىيىنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ۋە بارلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئىستىكى. شۇڭا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 –ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى:پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.تۆت ناتوغرا ئىستىلنى تۈزىتىش ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يېڭىدىن دائىمىيلاشتۇردى. يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى داۋاملىق ساقلاپ، كېسەل دەرەخنى داۋالاپ، كېسەل تەگكەن دەرەخنى قومۇرۇپ تاشلاپ، چىرىكلىك ھادىسىلىرىنىڭ يامىرىشىنى توسۇش لازىم.

  مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە ئىچى قانۇن تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مۇكەممەل بولغان پارتىيە ئىچى قانۇن نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي پىكىر ئېنىق ، ئاددىي چۈشىنىشلىك، ئاسان ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىن باشقا يەنە ۋاقىت جەدۋىلىنى تۈزۈپ، پارتىيىنىڭ يۈز يىللىقى پەيتىدە مەزمۇنى ئىلمى، تەرتىپى چىڭ،يۈرۈشلەشكەن، ھەرىكىتى ئۈنۈملۈك بولغان پارتىيە ئىچى قانۇن نىزام سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  سىياسىي ئىنتىزام ئەڭ مۇھىم ، ئەڭ ئاساسىي، ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئىنتىزام. پارتىيىنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش پارتىيىنىڭ بارىلىق ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ۋەھالەنكى ھازىر قىسمەن پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيىنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا سەل قاراپ، يۇقىرىدا سىياسەت بولسا تۆۋەندە تاكتىكا بار ،بۇيرۇققا ئەمەل قىلماسلىق، مەنئى قىلىنسىمۇ يەنىلا توسماسلىق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلىپ، مەركەزنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىجرا قىلىشتا سەل قارايدىغان ئەھۋاللار بار.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى:پارتىيىلىك كادىرلار بولۇپمۇ رەھبىرى كادىرلار پارتىيىنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسەت بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشنى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى لازىم. پارتىيە ئىچىدە گۇرۇھ بولىۋېلىشقا، گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇشقا ، مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش ئىنتىزام ئىجراسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقلىرىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر