باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش كېرەك

2014.10.27 15:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەمدىلا يېپىلغان پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش چاقىرىقى چىقىرىلدى، شۇنداقلا پارتىيەگە پارتىيەنى قانۇن بويىچە قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئېنىق تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىگە نىشان كۆرسىتىپ بېرىلدى.

  18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىنىڭ قانۇن نىزام تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىنىڭ قانۇن نىزاملىرى ئارقىلىق پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ئىستىلى پاكلىك قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىدىكى مۇھىم ۋەزىپە.

  چىرىكلىككە چوقۇم قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلەر، چىرىكلەشكەنلەرنى چوقۇم جازالاش كېرەك، بۇ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارىتيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روشەن پوزىتسىيەسى.

  4-ئومۇمى يىغىندا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرىشىدا پارتىيە نىزامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارتىيە ئىچى قانۇن نىزام سىستېمىسى دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلدى، قانۇن ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ھەم پارتىيەدىن ئاساسى قانۇن ۋە قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھەم پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن نىزاملار ئارقىلىق پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى پارتىيە ئىچى قانۇن نىزاملىرى ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان بولسا چوقۇم پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، سوتسيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇشقا يول ئاچالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر