باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇن سىستېمىسىدىن قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغىچە

2014.10.27 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەمدىلا يېپىلغان پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۇزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومۇمىي نىشانى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۇقۇرى قاتلامدىن نىشان كۆرسىتىپ بېرىلدى.

  جۇڭگو سىياسى قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما خۇەيدې مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بىلەن قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسترولۇق، جانلىق ئورگانىك مۇكەممەل سىستېما، قانۇن سىستېمىسى بولسا تۇرغۇن ھالەتتىكى تۈزۈم سىستېمىسى، قانۇن چىقىرىش، قانۇننى ئىجرا قىلىش، ئەدلىيە، قانۇنغا رائىيە قىلىشتىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ھەممىسىنى بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈش قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى گەۋدىلەندۈردى.

  ئومۇمىي يىغىندا يەنە جۇڭگوچە سوتسيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ كونكېرت مەزمۇنى ئېنىق بېكىتىلدى، يەنى مۇكەممەل قانۇن قېلىپى سىستېمىسى ، يۇقۇرى ئۈنۈملۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش سىستېمىسى، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى، كۈچلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش كاپالەت سىسېمىسى، مۇكەممەل پارىتيە ئىچى قانۇن نىزام سىستېمىسىدىن ئىبارەت بەش چوڭ سىستېما قۇرۇلۇشى شەكىللەندۈرۈلدى.

  بۇ بەش سىستېمىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، جەنۇبىي جۇڭگو مالىيە ئىقتىساد سىياسى قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەرەققياتى ۋە ئەدلىيە ئىسلاھاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى شۈ خەنمىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: بەش چوڭ سىستېما ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدىلەر، قانۇن نىزام بەلگىلىمە سىستېمىسى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ھەرىكەت ئاساسى، يۇقۇرى ئۈنۈملۈك قانۇننى يولغا قويۇش سىستېمىسى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ھاياتى، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئاچقۇچ، كۈچلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش كاپالەت سىستېمىسى توساق، مۇكەممەل پارتىيە ئىچى قانۇن نىزام سىستېمىسى يادرو.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر