باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نېفىت باھاسى ئۇدا چۈشۈپ، سەئۇدى شاھزادىسىنى تەمتىرىتىپ قويدى

2014.10.24 10:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شاھزادىسى ئەلۋالىد بىن تالال ئەلسائۇل تۋىتتېردا سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا خېتىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى نېفىت مىنىستىرى ئەل نايمىنىڭ نېفىت باھاسى تۆۋەنلەشنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئائىت گەپ- سۆزىدىن «ھەيران قالغانلىقى» نى بىلدۈردى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شاھزادىسى ئەلۋالىد بىن تالال ئەلسائۇل 1955- يىلى 3- ئايدا تۇغۇلغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ۋاپات بولغان پادىشاھى فاھىدنىڭ جيەنىدۇر، ئۇ «سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بىل گەيتېسى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىلىقلاردىن باشقا جاھاندىكى ئەڭ باي كىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ مۈلۈكىنىڭ قىممىتى 20 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، ئۇ 2014- يىللىق «فوربېس» يەر شارى زەردارلار رەت تەرتىپىدە 30- ئورۇنغا تىزىلغان.

  بىر ئاي ئىلگىرى، ئەل نايمىدىن «نېفىت باھاسىنىڭ 100 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەمسىز» دەپ سورالغاندا، ئۇ «سىز مېنىڭ ئەنسىرىگەن ۋاقتىمنى كۆرگەنمۇ؟» دەپ ئىنكاس قايتۇرغانىدى.

  شاھزادە ئەلۋالىد مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 2014- يىللىق مالىيە كىرىمىنىڭ %90 تى نېفىت كىرىمىدىن كېلىدۇ، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش بىر مەيدان ‹سەل قارىغىلى بولمايدىغان ئاپەت›.

  بۇ يىل 6- ئايدىن بۇيان نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش كۆلىمى %26 تىن ئېشىپ كەتتى، تۈنۈگۈن تېخى شىددەت بىلەن %4 كە يېقىن تۆۋەنلەپ كەتتى، بۇنىڭدا ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ ئامىل بار: بىرىنچىدىن، يەر شارىنىڭ خام نېفىت ئېھتىياج مۆلچىرى تۆۋەنلىدى؛ ئىككىنچىدىن، ئامېرىكىنىڭ سلانېتس مېيى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەمدە ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە؛ ئۈچىنچىدىن، نېفىت چىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مەھسۇلات مىقدارىنى ئازايتىشنى خالىمايۋاتىدۇ.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەمەلدارىنىڭ مۇشۇ ھەپتە بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ھەر تۇڭ نېفىت باھاسىنىڭ 90 ئامېرىكا دوللىرىدىن، ھەتتا 80 ئامېرىكا دوللىرىدىن چۈشۈپ كېتىشىگە تەييارلىق قىلىپ قويغان. بەرداشلىق بېرەلەيدىغان مەزگىل بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە بولىدىكەن.

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2013- يىلى ھەر تۇڭ نېفىت باھاسى 89 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالغاندا سەئۇدى ئەرەبىستانى خامچوت تەڭپۇڭلۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغانىدى، بۇ سان 2012- يىلى ئاران 78 ئامېرىكا دوللىرى ئىدى. ئىران، ئىراق ۋە ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسى تېخىمۇ يۇقىرى.

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ رايون مەسئۇلى مەسئۇد ئەھمەد مۇنداق دېدى: «قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، ھەر قايسى نېفىت چىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئامبىرى يەنىلا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئەمما ئەگەر نېفىت باھاسى ئۇزۇن مۇددەت تۆۋەن ئورۇندا تۇرسا، ئۇ ھالدا ھەر قايسى دۆلەتلەر مالىيە سىياسىتىنى تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر