باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران: نېفىت باھاسىنىڭ جىددىي چۈشۈشى، غەربنىڭ شۇملۇقى

2014.10.24 11:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران ھۆكۈمەت باياناتچىسى نەچچە كۈن ئىلگىرى، بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرى غەرب ئەللىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، نېفىت باھاسىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ئىمبارگو دەردىنى تارتىۋاتقان ئىران ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ئاجىزلاتماقچى دەپ ئەيىبلىدى.

  بۇ يىل 6-ئايدىن بۇيان، خەلقئارادا نېفىت باھاسى ئۆزلۈكسىز چۈشتى، لوندون بۇلېنت نېفىت قەرەللىك مال بازىرىدا نېفىتنىڭ باھاسى ئەسلىدىكى 110 ئامېرىكا دوللىرىدىن چۈشۈپ، 21-ئۆكتەبىرگە كەلگەندە 86 دوللارغا توختىدى. ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى خامچوتى نېفىت باھاسى 100 دوللارلىق قىياس ئۈستىگە تۈزۈلگەن بولغاچقا، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى، ئىران پرېزىدېنتى روھانىنى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، كىرىم مەنبەسىنى ئىزدەشكە سەپەرۋەرلىك قىلىشقا مەجبۇر قىلدى.

  پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى غەربكە يانتاياق بولۇپ ئىران ۋە رۇسىيەگە زەربە بەرمەكچىمۇ؟

  ئىران ھۆكۈمەت باياناتچىسى نوباخت 20-ئۆكتەبىر كەچتە ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى شەھەر قومدا، شىئە دىندارلىرىغا «بۇ رايوندا، بىرقىسىم ئاتالمىش ئىسلام دۆلەتلىرى ئامېرىكا ۋە (باشقا) ھاكاۋۇر دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى شىلىۋالماقتا». «ئۇلار (غەرب ئەللىرى) كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمىزنى 400 مىليون تۇڭدىن، 100 مىليون تۇڭغا چۈشۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى، يېقىنقى مەزگىلدىكى نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئۇلار پىلانلىغان ئەڭ يېڭى شۇملۇق» دېدى.

  رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى مەزگىلدىكى نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تەمىنلەشنىڭ زىيادىلىكى، ئېھتىياجنىڭ چەكلىك بولۇشى، سەئۇدى ۋە نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نېفىت باھاسىنى ئۆستۈرۈشنى خالىماسلىقى ئىكەن. سەئۇدى ۋە كۇۋەيتنى ئۆز ئىچىدە ئالغان بىر قىسىم نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزالىرى، 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېچىلىدىغان يىغىندا، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر قىسىم تەھلىلچىلەر، سەئۇدى قاتارلىق دۆلەتلەر تۆۋەن نېفىت باھاسىنىڭ زەربىسىگە چىداپ، غەرب ئەللىرىنىڭ ئىران ۋە ئۇكرائىناغا بېسىم قىلىشىغا ماسلىشىپ، ئىران يادرو كرىزىسى ۋە ئۇكرائىنا كرىزىسىدىكى ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلماقچى دەپ قارىماقتا.

  ئەمما پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇزۇنقۇلاق ئەربابلار بولسا، بۇ خىل قاراشنى «سۇبيېكتىپ پەرەز» دەپ قارىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى، مەملىكىتىمىز نېفىت تەمىنلەش مىقدارنى ئىزچىل تۈردە باھانى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەڭشەپ تۇرۇۋاتىدۇ دېدى.

  ئىران ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتتى؟

  رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى. خامچوتىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن، نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى كۆزلەيدۇ، ئەگەر نېفىت باھاسى چۈشۈپ كەتكەندە، ئىران ئادەتتە بىرىنچى بولۇپ نېفىت مىقدارىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلاتتى. ئەمما، ئىران بۇ قېتىم ئىستراتېگىيىسىنى ئۆزگەرتكەندەك قىلىدۇ. ئىران بۇ ئايدا، ئۆزىنىڭ تۆۋەن نېفىت باھاسىغا چىدىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى جىددىي يىغىنى چاقىرىشنى تەلەپ قىلمىدى.

  ئالدىنقى ھەپتە، ئىران پرېزىدېنتى روھانى، ئىران نېفىت مىنىستىرى زەنجانىغا «دىپلوماتىك ۋاسىتىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ» نېفىت باھاسىنىڭ يەنىمۇ تۆۋەنلىشىنى توسۇشقا تېرىشىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى.

  رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ قارىشىچە، روھانى بارلىق ئۈمىدىنى ئىران يادرو سۆھبىتىگە باغلىغان بولۇپ، ئەگەر ئىران بۇ سۆھبەتتە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەل قىلىش چارىلىرى تۈزەلسە، ئىمبارگودىن قۇتۇلۇپ، يېڭىدىن نېفىت ئېكسپورت چوڭ دۆلىتى بولالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر