باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلىمى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارغا 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى

2014.10.27 14:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلىمى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن تۈنۈگۈن ھەرقايسى دېموكراتىك پاتىيە گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىگە جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەملىكەتلىك سياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇ چىڭلىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرلىكسەپ خىزمىتىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىپ، باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىن قارارىنىڭ سوتسيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇشتىكى پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت ئىكەنلىكىنىنى چوڭقۇر تونۇپ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمى نىشانى ۋە ئاساسى پىرىنسپى شۇنداقلا زور ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر