باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2014.10.27 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيىنى ئىدارە قىلىش، پارتىيىنى ئىدارە قىلىشنى جەزمەن چىڭىتىش كېرەك . يېقىندا ئېچىلغان 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە ئىچى قانۇن نىزام بويىچە پارتىيىنى ئىدارە قىلىشنى چىڭىتىش كۈچلۈك سىگنالى تارقالدى.بۇ جايلاردىكى پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئامما بولۇپمۇ ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.

  چىڭىتىشتىن ئىبارەت بۇ سۆز بارلىق كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيىنى ئىدارە قىلىشنى چىڭىتىپ، قەدەمنى ئۆزگەرتمەي داۋاملىق چىڭ تۇتۇش لازىم.

  لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى سۈي جيالىن مۇنداق دېدى:پارتىيە ئەزالىرىغا قاتتىق ئۆلچەم بويىچە تەلەپ قويۇپ، قاتتىق تەدبىرلەر بىلەن كادىرلارنى باشقۇرۇپ، چېرىكلىكنى جەزمەن جازالاپ، خىيانەتچىلىكنى يوقاتقاندىلا پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى چىڭىتقىلى، دۆلەتنى مەڭگۈ ئەمىنلىككە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ.

  بېيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ رايونىدىكى بىر ئاساسى قاتلام كادىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىستىلنى داۋاملىق ئۆزگەرتىش، چېرىكلىكنى تەۋرەنمەستىن جازالاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تۆت ناتوغرا ئىستىلغا قارشى تۇرۇش بىر مەزگىللىك ئىش ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشمۇ بىر مەيدان ھەرىكەت بولماستىن بەلكى بوشاشماستىن چىڭ تۇتىدىغان دائىمىيلىق ئىش ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈردى. بۇ بىزدەك قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىدىكى ھەر بىر پارتىيىلىك كادىرنى ھوقۇقنى ئومۇمىي ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى پاكلىق بىلەن قىلىش، قانۇن ئىنتىزام بويىچە قانۇننى ئىجرا قىلىشنى ئىسىمىزدە مەھكەم ساقلىشىمىزغا ئاگاھلاندۇرىدۇ.

  كۆپلىگەن كادىرلار ۋە ئامما شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيىنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى، پارتىيىلىك كادىرلار بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلاردىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشنى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كۆكخوت ئادۋۇكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى جاڭ شيەنخۇا مۇنداق دېدى: پارتىيە ئەزالىرى ئىدىيە ، سىياسىي، ھەرىكىتىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىغاندىلا ، پارتىيە ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ساقلىيالايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن چېچىلاڭغۇ بولۇپ قالىدۇ. پارتىيە ئەزالىرىدىن پارتىيىنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا قاتتىق بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىش پارتىيىنىڭ مەركىزىي بىرلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىدىن مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپى بويىچە، فۇنكسىيە ، ئۇسۇل، ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق سادىق، ساپ، ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنىنى بەرپا قىلىش لازىم.

  گۈيجۇ ئۆلكىسى ليۇپەنشۈي شەھىرى پەنشيەن ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ شېڭۋېي مۇنداق دېدى: ھازىر مەركەز چېرىكلىككە قارىشى تۇرۇش سالمىقىنى مىسلىسىز زورايتماقتا.ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى. بولۇپمۇ ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىغا بولغان تەلەپ يۇقىرى ، ئىنتىزام چىڭ بولماقتا. ئىچكى قىسىمدا يۈز بەرگەن ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق جاسارەت بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.جۇڭگو كومپارتىيىسى شەنشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشۋىقىي تەربىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈي لىمىن مۇنداق دېدى: نازارەت قىلغۇچىلار نازارەتنى ئاڭلىق ھالدا قوبۇل قىلىپ، تۈزۈم جەھەتتىن نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى نازارەت قىلىپ، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر