باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جامائەت پىكىرىنى كونترول قىلىشنىڭ پەردە كەينىدىكى قارا قول

2014.10.24 10:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، گېرمانىيەدە چىقىدىغان فرانكىپورت گېزىتىنىڭ سابىق مۇھەررىرى ۋۇرفۇكوت رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ياۋروپادىكى نۇرغۇن مۇخبىرلار ئىلگىرى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىدا ماقالە ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلانغان، بۇ دۆلەتلەر مۇنداق قىلىش ئارقىلىق جامائەت پىكىرىگە غەرەزلىك يېتەكچىلىك قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.

  ئۇنىڭ "سېتىۋېلىنغان مۇخبىر" دېگەن كىتابىدا ياۋروپانىڭ ئالاقىدار مۇخبىرلىرىنىڭ سېتىۋېلىنىپ خاتا يېتەكلەش خاراكتېرلىك خەۋەرلەرنى بەرگەنلىكىگە ئالاقىدار نۇرغۇن ئىشلار پاش قىلىندى ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئاممىغا يالغان گەپ قىلىش، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇشقا يېتەكلەنگەنلىكى كۆرسىتىلدى. ئۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى ئېلان قىلغان نۇرغۇن ئىمزالىق ماقالىلەرنى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى قاتارلىق باشقا ئاخبارات ئورگانلىرى يازغان. بۇنىڭدىن مەقسەت خەلقئارا جامائەت پىكىرىنى ئامېرىكىنى قوللاشقا يېتەكلەش. بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن ئامېرىكا مېنى ئامېرىكىدا ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، ماڭا پۇقرا دېگەن شەرەپلىك نام بەردى.

  ئەگەر سىنوۋدېن ئۇچۇر يىغىش ۋە نازارەت قىلىشقا ئائىت ئامېرىكىنىڭ پىرىزما سەتچىلىكىنى پاش قىلدى دېيىلسە، ئۇنداقتا ۋۇرفوكوتنى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا جامائەت پىكىرى مەشغۇلاتى قىلغانلىقىنى پاش قىلغان پەردە كەينىدىكى قارا قول دېيىشكە بولىدۇ.

  ئامېرىكا زور ئىقتىسادى ۋە ئىلىم پەن ئەمەلىي كۈچىگە ئىگە، مۇشۇ ئاساستا تاراتقۇ ئىمپېرىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيانىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇشقىقىغىچە قول ئۇزاتتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كۈچلۈك خەلقئارادا سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. بۇمۇ يېتىشمەي ئامېرىكا سىرتقا تارقىتىش ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ، مۇرەككەپ تارقىتىش سىستېمىسىنى ئورناتتى، ھۆكۈمەت بىلەن ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ماسلىشىپ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا مەشغۇلات قىلىشنى بىرلەشتۈردى، بۇنىڭدىن مەقسەت خەلقئارادا جامائەت پىكىرى شەكىللەندۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.

  بۇ يىل 7-ئايدا، ئەنگلىيەدە چىقىدىغان "مۇھاپىزەت"گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىناسى نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلماقتا. ئامېرىكا بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تور تېخنىكىسى ۋە تور سىستېمىسىنى ئىگىلىمەكچى، بۇ تەتقىقاتتىن چىقىرىلغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئۇرۇشتىن بۇرۇن ۋە ئۇرۇش ۋاقتىدا جامائەت پىكىرى تەشۋىقاتىغا ئىشلىتىپ، جامائەت پىكىرىگە يېتەكچىلىك قىلماقچى.

  بىراق مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت پىكىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشىدا ئەمەس، چۈنكى ھەرقانداق بىر دۆلەت ھۆكۈمىتى جامائەت پىكىرى يېتەكچىلىكىگە مۇھتاج. مەسىلە ئامېرىكا ناھايىتى زور دەرىجىدە خەلقئارا جامائەت پىكىرىنى خاتا يېتەكلىمەكچى، بۇنىڭدىكى تىپىك مىسال شۇكى ئامېرىكا 2003-يىلى ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغاپ، سادامدا زور كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار بار دېگەن بانانى قەستەن تېپىپ چىقتى ھەمدە زور كۆلەملىك خەلقئارا جامائەت پىكىرى ھۇجۇمى قوزغىدى.

  ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا جامائەت پىكىرىگە يېتەكلەش جەھەتتىكى تۈرلۈك ئۇسۇللىرىغا قارايدىغان بولساق شۇكى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئامېرىكا دۇنياغا ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتە توغرىلىقى، ئەخلاقى جەھەتتە يۈكسەكلىكى، قانۇنىي جەھەتتە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلىقى، جامائەت پىكىرى جەھەتتە ئاساسىي ئېقىم ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئامېرىكا تۈرلۈك ئاشكارا ئۇسۇللارنى قوللىنىپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن يوشۇرۇن ۋاسىتىلەرنىمۇ قوللىنىدۇ. ۋۇرفۇكوت ئاشكارىلىغان ئىشلار ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا جامائەت پىكىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشىدىكى نۇرغۇن تەدبىرلىرىنىڭ بىرسىلا بولسا كېرەك.

  ئىراق ئۇرۇشى دۇنيا خەلقىگە ئامېرىكىنىڭ بانا تېپىپ خەلقئارا جامائەت پىكىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تونۇتۇپ قويدى، پىرىزما ۋەقەسىدىن كۆپچىلىك ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيانى قانداق كونترول قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالدى، ھازىر ۋۇرفوكوتنىڭ پاش قىلغان ئىشلىرىدىن كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ پەردە كەينىدا خەلقئارا جامائەت پىكىرى مەشغۇلاتى قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالدى. ئامېرىكا كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ ھەم دۇنيانى كۆزىتىدۇ ھەم خەلقئارا جامائەت پىكىرىنى كونترول قىلىدۇ، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىدۇ. لېكىن ئامېرىكا لىن كولىننىڭ: "سەن ھەممە ئادەمنى بىر مەھەل ئالدىساڭ، بەزى ئادەملەرنى مەڭگۈ ئالدىساڭ بولىدۇ، لېكىن ھەممە ئادەمنى مەڭگۈ ئالدىيالمايسەن" دېگەن سۆزىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر