باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى سۇيىقەست ۋە مۇقەررەرلىك

2014.10.24 10:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارادا نېفىت باھاسىدا خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىن كېيىنكى يېڭى بىر قېتىملىق تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. «بۇ سۇيىقەست» دەيدىغانلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ، ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى بىرلىشىپ باھا تۆۋەنلىتىپ، رۇسىيەگە ئۇكرائىنا ۋە سۇرىيە قاتارلىق مەسىلىلەردە بېسىم ئىشلىتىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىشى ئىكەن؛ بۇ مۇقەررەر ئىش دەيدىغانلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنىڭ ئاجىز بولۇشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئىستېمال كاساتچىلىقى ئىكەن. ۋەھالەنكى، مەيلى قانداق سەۋەب بولسۇن، زىيان تارتىدىغىنى ھامان رۇسىيە، ئىران، ئىراق، ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «كۆزىگە قادالغان مىخ» لاردۇر.

  سۈيقەست: ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى بىرلىشىپ باھا تۆۋەنلەتكەن

  يەر شارىدىكى ئاساسلىق نېفىت چىقىدىغان ئوتتۇرا شەرق، شەرقىي ياۋروپا رايونىدا ئۇرۇش تۇمانلىرى لەيلەپ يۈرگەچكە ھەمدە غەربىي ئافرىقىدا ئېبولا يۇقۇمى پەيدا بولغان بولغاچقا، يېقىنقى نەچچە ئايدا خەلقئارادا ئەسلىدە نېفىت باھاسى ئۆرلەپ كەتسە بولاتتى، ئەمما ئەكسىچە ئىزچىل تۆۋەنلەپ كەتتى. 7- ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، برېنت نېفىت بازىرىدا ھەر تۇڭ خام نېفىتنىڭ باھاسى 108 ئامېرىكا دوللىرىلىق يۇقىرى ئورۇندا ئىدى، يېقىندا بولسا 80 دىن 85 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىغا تۆۋەنلەپ، 2010- يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى.

  گەرچە تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشەلمىسىمۇ، ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستانى يېتەكچىلىكىدىكى نېفىت چىقارغۇچى دۆلەتلەر يەنىلا مەھسۇلات مىقدارىنى ئازايتىش قاتارلىق دائىملىق بازار قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرمىغاندەك قىلىدۇ. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى نېفىتنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ 90 ئامېرىكا دوللىرى ھەتتا 80 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولۇشىنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويدى، ئەمما بەرداشلىق بېرىش مۇددىتى تەخمىنەن بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە بولىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن «كونا ھىيلىسىنى قايتا ئىشقا سالماقچى» دەيدىغان قىياس كېلىپ چىقتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئازىيىپ، يىمىرىلىش يۈزلىنىشىنى تېزلەتكەنىدى. رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن يېقىندا مۇنداق دېدى: «سۇيىقەست نەزەرىيىسىنى تىلغا ئالساق، سۇيىقەست ھەر ۋاقىت يۈز بېرىدۇ، ئەمما سۇيىقەستچىلەرنىڭ ئۆزىمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر ھەر تۇڭ خام نېفىتنىڭ باھاسى 80 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشسا، يەر شارى ئىقتىسادىمۇ شۇنىڭ بىلەن ۋەيران بولىدۇ.»

  جۇڭگو ئېنېرگىيە تورىنىڭ باش ئۇچۇر ئەمەلدارى خەن شياۋپىڭنىڭ قارىشىچە، سۇيىقەست خەلقئارا مۇناسىۋەتتە دائىم ئۇچرايدۇ، چۈنكى سۇيىقەستنىڭ ئارقىسىدا دۆلەت مەنپەئەتى بار. بۇ قېتىم نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئامېرىكىنىڭ نېفىت باھاسىنى باستۇرۇشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، سلانېتس ئىنقىلابى ۋە پۇل مۇئامىلە بازىرىدا نېفىت باھاسىنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت، رۇسىيەنى ئۇكرائىنا مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە قىلىچىنى يىغىشتۇرۇشقا مەجبۇرلاشتىن ئىبارەت. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەقسىتى بولسا «ئاسىيادىكى مەنپەئەتىنى ساقلاپ قېلىش» تۇر. رۇسىيە يېقىنقى مەزگىلدە ئاسىياغا، بولۇپمۇ جۇڭگوغا قارىتا ئېنېرگىيە ئېكسپورتىنى كېڭەيتتى، ئامېرىكىمۇ خام نېفىت ئېكسپورتىنى چەكلەش پەرمانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى پىلانلاپ، نىشاننى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ چوڭ خېرىدارلىرى بولغان جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورىيەگە قاراتتى، شۇڭا سەئۇدى ئەرەبىستانى تۆۋەن باھا ئارقىلىق رۇسىيە ئېنېرگىيەسىنىڭ رىقابەت كۈچىنى باستۇرۇش، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ سلانېتس ئىنقىلابىنى پەسەيتىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

  ئامېرىكا برۇكىڭس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى چارلېس ئېبىنگېرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل 8- ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشىنى توسۇشقا ئورۇنغان بولسىمۇ، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەر قانچە بەدەل تۆلىسىمۇ، بازاردىكى مىقدارنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتتى.

  چارلېس ئېبىنگېر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نىشانى بولسا نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى بىنورمال ئۇسۇل بىلەن ئازايتىشنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بازاردىكى نىسبىتى ۋە پايدىسىغا يەتكۈزىدىغان زەربىنى ئازايتىش ۋە بېسىشتىن ئىبارەت. قىسقا مۇددەت ئىچىدە، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ باشقا رايونلۇق سىياسىي رەقىبى بولغان ئىران ۋە ئىراققا تاقابىل تۇرۇش نىشانىغىمۇ مۇلازىمەت قىلىدۇ، ھەمدە رۇسىيەنىڭ سۇرىيە ئاساد ھاكىمىيىتىگە ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنىمۇ بېسىپ قويالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر