باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى

2014.10.27 14:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 24-ئۆكتەبىر مەملىكەتلىك قىش، ئەتىيازلىق ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق ئاساسىي قۇرۇلۇشى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىنى ئاچتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى چوڭقۇر، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە مېخانىزمنى يېڭىلاشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى چىڭىتىپ، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ تېخىمۇ مۇقىم، پۇختا سىجىل تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوللاش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر سۇچىلىق سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، دېھقانلار ۋە جەمئىيەت دەسمايىسىنى سېلىنمىنى كۆپەيتىشكە يېتەكلەپ، كۆپ خىل يول، كۆپ خىل ئاساسىي گەۋدە، كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشى لازىم.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، يېزا ئىگىلىكنى قانۇن بويىچە تۈزەش مەسىلىسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۈنۈملۈك سىياسەتلەرنى ۋاقتىدا قانۇن، بەلگىلىمە سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ھەر تەرەپلىمە قانۇن ئىجراسى ۋە يېزىلاردا قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىش، قىش ۋە ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، كۆچەت تىكىپ، ئورمان ئەھيا قىلىش، ھايۋانات يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىش ۋە تىزگىنلەش، ئورمان، يايلاق ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر