باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى كۈندە 650 مىڭ شياڭگاڭ ئاھالىسى ئىمزا قويۇپ، «جۇڭخۇەن يولىنى ئىگىلىۋېلىش» قا قارشى تۇردى

قەستكارلار ھۇجۇم قىلدى، «جۇڭخۇەن يولىنى ئىگىلىۋالغۇچىلار» چاتاق تېرىدى

2014.10.27 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: قانۇنسىز «جۇڭخۇەن يولىنى ئىگىلىۋېلىش» ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا 4 ھەپتە بولدى، شياڭگاڭدىكى كۆپ قىسىم ئاساسىي كوچىلارنى يەنىلا نامايىشچىلار ئىگىلەپ تۇرماقتا. ھەر ساھە شەھەر ئاھالىسى ئىمزا قويۇش شەكلىدە «جۇڭخۇەن يولىنى ئىگىلىۋالغۇچىلار»نىڭ قانۇنسىز قىلمىشىغا بولغان غەزىپىنى ئىپادىلەپ، ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گەرچە قەستكارلار ھۇجۇم قىلغان ۋە «جۇڭخۇەن يولىنى ئىگىلىۋالغۇچىلار» چاتاق تېرىغان بولسىمۇ، قىسقىغىنە ئىككى كۈن ئىچىدە «يولنى خەلققە قايتۇرۇپ بېرىش، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قانۇن ئىدارە قىلىشنى ھىمايە قىلىش» تېمىسىدىكى ساقچىلارنى قوللاپ ئىمزا قويۇش پائالىيىتىگە 650 مىڭ شەھەر ئاھالىسى قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 550 مىڭ ئادەم نەق مەيداندا، 100 مىڭ ئادەم توردا ئىمزا قويدى. ئىمزا قويۇش پائالىيىتى 11-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

  يىڭ شىچاڭ خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر