باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىن لادېننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئېچىلمىغان بەش چوڭ سىر

2014.10.24 10:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2011- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى، پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاببوتئاباد بازارلىرىدا، بازا تەشكىلاتىنىڭ باش ئاتامانى ئوسمان بىن لادېن ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترىتى 6- كىچىك ئەترىتى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، ئۇ شۇ يىلى 54 ياشتا ئىدى. بىن لادېننىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئامېرىكا 10 يىللىق قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى ئاياغلاشتۇردى. ئەمما ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىزگە مۇنداق بەش چوڭ ئېچىلمىغان سىرنى قالدۇرۇپ قويدى.

  1. ئوسمان بىن لادېننى زادى كىم ئېتىپ ئۆلتۈرگەن؟

  ئوسمان بىن لادېننى زادى كىم ئېتىپ ئۆلتۈرگەن؟ بۇ مەسىلىگە ئائىت نۇرغۇن ئوخشىمايدىغان يەشمە بار. بىن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترىتى 6- كىچىك ئەترىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئېيتقانلىرىدا پەرق چوڭ. 2012- يىلى 9- ئايدا، ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترىتى 6- كىچىك ئەترىتىنىڭ ئەزاسى مات بىسسونېتتېنىڭ «مۇرەككەپ بىر كۈن» ناملىق كىتابىدا، بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەت مۇنداق بايان قىلىنغان: ئۈچ ئادەم ئالدى بىلەن بىن لادېن ياشانغان جايغا كىرگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى بىن لادېننى بايقىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئوق چىقارغان، ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئۆزى بىن لادېنغا ئەجەللىك زەربە بەرگەن.

  «Esquire» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان بايان بېرىلدى. «ئېتىپ ئۆلتۈرگۈچى» ناملىق بىر ئەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئالدى بىلەن بىن لادېننىڭ ھۇجرىسىغا ئېتىلىپ كىرىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى قورالنى كۆتۈرگىنىنى كۆرگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەر ئۇنىڭغا ئىككى پاي ئوق چىقارغان، ئوق بىن لادېننىڭ بېشىغا تېگىپ، نەق مەيداندا قازا قىلغان.

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە تورىنىڭ بىر قېتىملىق زىيارىتىدە، ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترىتى 6- كىچىك ئەترىتىنىڭ يەنە بىر ئەزاسى باشقىچە بىر گەپ قىلغان. دېڭىز يىلپىزى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترىتى 6- كىچىك ئەترىتىنىڭ باشقا ئىككى ئەزاسى يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، بىر چارلىغۇچى ئەسكەر بىن لادېننى ئاۋۋال بايقىغان ھەمدە ئۇنىڭغا ئوق تەگكۈزگەن، كېيىن «ئېتىپ ئۆلتۈرگۈچى» ناملىق ھېلىقى ئەر ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن، ھەمدە بىن لادېنغا ئەجەللىك زەربە بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئەينى چاغدا بىن لادېننىڭ قولىدا قورال يوق ئىكەن.

  بىر توپ پونكىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشچە، ئوسمان بىن لادېننى زادى كىم ئېتىپ ئۆلتۈرگەن دېگەن بۇ مەسىلىدە ئالتە خىل ئوخشىمايدىغان قاراش بار ئىكەن.

  2. بىن لادېننىڭ ئۆيىدىكىلىرى ھازىر قەيەردە؟

  پاكىستان دائىرىلىرى ئاببوتئاباد بازىرىنىڭ ئەتراپىدا بىن لادېننىڭ ئايالى ۋە بالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دەك تۇغقىنىنى تاپقان. پاكىستان ئاخبارات تارماقلىرى نەچچە ئاي تۇتۇپ تۇرغان ۋە سوراق قىلغاندىن كېيىن، بىن لادېننىڭ ئۈچ ئايالى فاتا، قارىيە سابار، شىھام سابار ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. بىن لادېننىڭ كىچىك ئايالى فاتا ئۆزىنىڭ يۇرتى يەمەنگە قايتىپ كەتكەندىن سىرت، باشقا ئىككى كىشى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەتكەن. يەمەن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئالاقىدار تارماقلار بۇ ئۈچ ئايالغا ئائىت تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىمىغان.

  3. پاكىستان دائىرىلىرى بىن لادېننى قانات ئاستىغا ئالغانمۇ؟

  ئامېرىكا بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەربىي زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولغان: پاكىستان دائىرىلىرى بىن لادېننىڭ ئۆز دۆلىتىگە يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلەمتى؟ ئۇنىڭ تۇرالغۇسى بىر ھەربىي مۇئەسسەسەنىڭ يېنىغا جايلاشقانىكەن. بۇ قېتىمقى ھەربىي زەربە بېرىشكە قارىتا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كلىنتون: «پاكىستان يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ بۇ ئىشنى بىلىدىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق دەلىل- ئىسپات يوق.» دېدى. بىر مۇتەخەسسىس بۇ ئىشقا باھا بېرىپ: «ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىغا قارىتا، پاكىستان تەرەپ بىن لادېن يوشۇرۇنغان جاينى ھەرگىزمۇ بىلمىگەن.» دېدى. بەزى ئانالىزدا ئېيتىلىشچە، ئامېرىكا بىلەن پاكىستاننىڭ ھازىرقى مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىدا پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ بىن لادېننى قانات ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىۋاسىتە ئىسپات يوق ئىكەن.

  4. بىن لادېننىڭ ئىز باسارى ئايمان زاۋاھىرى قانداق ئىستراتېگىيە قوللىنىدۇ؟

  بىن لادېن ئۆلگەندىن كېيىن، بازا تەشكىلاتىنىڭ 2- نومۇرلۇق كاتتىۋېشى ئايمان زاۋاھىرى ئىز باسارغا ئايلاندى، گەرچە غەربتىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ ئىسىمنى بىلمىسىمۇ. بىن لادېنغا سېلىشتۇرغاندا، زاۋاھىرى تېخىمۇ جانلىق كۆرۈنىدۇ، ئۇ ئاشقۇن ئىدىيەگە ئەمەل قىلىدۇ. 2011- يىلىدىن باشلاپ، زاۋاھىرى نەچچە 10 پارچە ئۈن فىلىمى ئىشلىدى، ئەمما ئۇلار توردا ناھايىتى ئاز تارقىتىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ يولى ئوسمان بىن لادېن قوللانغان تور لىنىيەسىگە ئوخشىمايدۇ. ئالاقىدار زاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، زاۋاھىرى پاكىستاندىكى تەشكىلاتىنىڭ كۈچىنى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلمىغان ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى داۋالغۇۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلارغا يۆتكەيدىكەن، مەسىلەن مىسىر، مەغرىب رايونى دېگەندەك.

  5. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان بازا تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى قانداق؟

  «ئەرەب باھارى» ئوتتۇرا شەرقتە داۋالغۇش پەيدا قىلغاچقا، بازا تەشكىلاتىنىڭ تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا پۇرسەت تەمىنلەندى. بىر نەپەر خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسىنىڭ ئېيتىشىچە، 2011- يىلى بازا تەشكىلاتىدىكىلەر كونا ھاكىمىيەتنىڭ تىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نامى بىلەن، ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرىگە كېڭەيتكەن. 2012- يىلى، بازا تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئۇنىڭ كۈچى مالى، نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يامرىدى ۋە سىڭدى. 2013- يىلى، بازا تەشكىلاتى يەنە نەزىرىنى ئىسلام سىياسىي گۇرۇھى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۆتكىدى، مەسىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مىسىر، گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان تۇنىس دېگەندەك. بۇ دۆلەتلەردە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر دۆلىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتەلمىگەچكە، كۆپ ساندىكى ئامما ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىپ قالغانىدى، بۇ ئەھۋال ئاشقۇن كۈچلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىنى تېزلەتتى.يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بىر ئۇچۇردا ئېيتىلىشچە، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك گۇرۇھنىڭ بىرسى بولغان جابھاتال- نوسرا ناملىق تېررورلۇق تەشكىلاتى ئايمان زاۋاھىرىغا سادىق بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ تەدبىر بازا تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى شۆبىسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر