باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تورداشلار 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاخباراتىنى قىزغىن مۇلاھىزە قىلدى

تورداشلار ئادىللىق-ھەققانىيلىق ئارزۇسىنى، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇش ئىستىكىنى بىلدۈرۈشتى

2014.10.27 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ئۇتۇقلۇق يېپىلدى، «4-ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاخباراتى»، «دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش» ئىنتېرنېت تورىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. مەيلى مىكرو بلوگ، ئۈندىدار ياكى SNS تور بېكەتلىرى ۋە ياكى ئورگان تور بېكەتلىرىنىڭ مۇلاھىزە مۇنبەرلىرىدە بولسۇن، تورداشلار دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا بولغان ئىشەنچى ۋە ئىستەكلىرىنى ئىپادىلىدى.

  «ئادىللىق-ھەققانىيلىق بەزىدە مال-دۇنيادىنمۇ مۇھىم»ئاخبارات ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا «lvychen» ئىسىملىك تورداش ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىنى يېڭىلىدى. «ھازىرقى دەۋردە ئادىللىق-ھەققانىيلىق بەزىدە مال-دۇنيادىنمۇ مۇھىم. قانۇن ئىدارە قىلىش ھەر بىر كىشىگە تېخىمۇ كۆپ ئادىللىق پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ، جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئىناق، ئەقلىي قىلىدۇ.»

  كىشىلەر قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەتتە قۇياش نۇرىنىڭ ھارارىتىدىن ئادىل بەھرىمەن بولۇپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشقا تەشنا.«دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قىلىچى قىنىدىن سۇغۇرۇۋېلىندى، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئوقىنىڭ كىرىچى تارتىلدى»

  نۇرغۇن تورداشلار مۇنداق دەپ قارىدى: 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاخباراتى دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يۆنىلىشىنىڭ كۆرسىتىپ بېرىلگەنلىكى بىلەنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى كۆپلىگەن قانۇن ئىدارە قىلىش ساھەلىرىگە ئائىت كونكرېت ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، قانۇن ئىدارە قىلىشقا «ھەقىقىي تۇتۇش قىلىدىغان»لىقىدىن دېرەك بەرگەنلىكى ئۈچۈن كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر