باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكىرى جايلاردىكى تورداشلار شىياڭگاڭدىكى «ئوتتۇرا ئايلانما»نى ئىگىلىۋېلىشقا دىققەت قىلدى

2014.10.08 15:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-ئۆكتەبىر شىياڭگاڭدىكى ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلىۋېلىش قانۇنسىز يىغىلىشى 9-كۈنگە قەدەم قويدى، بۇ شىياڭگاڭ جەمئىيىتىگە زور سەلبىي تەسىر پەيدا قىلدى. ئىچكى جايلاردىكى ھەر قايسى تور بېكەتلىرى، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا سۆز قىلغاندا تورداشلار: ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلىۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ شىياڭگاڭغا ئېلىپ كەلگەن بۇزغۇنچىلىقىدىن ئازابلىنىدىغانلىقىنى، شىياڭگاڭنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى بالدۇراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  سۇمرۈغ تورىدا بىر تورداش : قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش بولمىسا دىموكراتىيە نەدىن كېلىدۇ، مۇقىملىق بولمىسا ئەركىنلىك نەدىن كېلىدۇ، باي قۇدرەتلىك بولمىسا، خەلق تۇرمۇشى نەدىن كېلىدۇ، دېدى.

  تورداش چىن شۈلوڭ خەلق تورىنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇنبىرىدە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلىۋېلىش قانۇنسىز ھەرىكىتى دۇنيادىكى بىر قىسىم يەرلەردە كۆرۈلگەن كوچا سىياسىيسى، رەڭلىك ئىنقىلاپنىڭ شىياڭگاڭ نۇسقىسى، يۈكسەك ھۇشيار تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  تورداشلار مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئىقتىدارى بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەرىكەتنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر