باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى جۇڭگو ياپونىيە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاش ھەربىي سوتىنى كۆرگەزمىگە قويۇش سارىيىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى

2014.05.21 08:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت رېمونت قىلىش ئارقىلىق، يېڭى جۇڭگو ياپونىيە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلايدىغان شېنياڭ ئالاھىدە ھەربىي ئىشلار سوتىنىڭ كونا ئورنىنى كۆرگەزمىگە قويۇش سارىيىنىڭ يوپۇقى 18- ماي ئېچىلدى، سارايدا 58 يىل ئىلگىرىكى ياپونىيەنىڭ 36 ئۇرۇش جىنايەتچىسىنى سوتلاش تارىخىي كۆرۈنىشى تەسۋىرلەنگەن. 1956-يىلى 9-ئىيۇندىن 20-ئىيۇلغىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاھىدە ھەربىي ئىشلار سوتى بۇ يەردە ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ لېيتېنانت گېنېراللىرى، دېۋزىيە پولك باشلىقلىرى، قورچاق مانجۇرىيە دۆلىتى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى خوجىلىق باشقارمىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق 36 ئۇرۇش جىنايەتچىسىنى سوتلىغان. كۆرگەزمىگە قويۇش سارىيىدا ئەينى يىللاردىكى سوتلاش نەق مەيدانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساس قىلىنىپ، باش سوتچى سەھنىسى، جاۋابكارنىڭ ئورنى، ئەيىبلىگۈچىنىڭ ئورنى، ئىسپات بەرگۈچىنىڭ ئورنى، ئاقلىغۇچىنىڭ ئورنى بىردەك ئەينى ۋاقىتتىكى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ كۆرگەزمە قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر