باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە تاراتقۇلىرى: ياپونىيە قىسمەن ئاراللاردا قۇرۇقلۇق قوغدىنىش قىسمىنىڭ يېڭى گارنىزون قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى

2014.05.20 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ئوكىناۋا ئۆلكىسى ۋە كاگوشىما ئۆلكىسىدىكى قىسمەن ئاراللاردا قۇرۇقلۇق قوغدىنىش قىسمىنىڭ يېڭى گارنىزون قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان.

  كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەردار ئەربابىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، ھەربىر يېڭى قىسىمدا تەخمىنەن 400 ئەسكەر بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ ئاراللارغا چىقىشى قاتارلىق ئۇشتۇمتۇت ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىكەن. ياپونىيە ھۆكۈمىتى 21-ماي مۇئاۋىن موداپىئە ۋەزىرىنى يېڭىدىن تەسىس قىلىنىدىغان قىسىم توغرىسىدا يەرلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئامامى چوڭ ئارىلىدىكى سېتوئۇچىغا ئەۋەتىدىكەن.

  ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇلتۇر ئېلان قىلغان موداپىئە پىلانى ۋە 2014-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان «ئوتتۇرا مەزگىللىك موداپىئە كۈچىنى تەڭشەپ تەييارلاش پىلانى»دا غەربىي جەنۇبىي قىسىمدىكى ئاراللاردا قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ياپونىيە موداپىئە ۋازارىتىنىڭ 2014-يىللىق خامچوتىدا يېڭىدىن قىسىم تۇرغۇزۇشنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئالاقىدار چىقىملىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن مەخسۇس 60 مىليون يىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر