- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش- ئاساسىي قانۇننى دەپسەندە قىلغانلىق
2014.05.20 16:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياپونىيەدە چىقىدىغان كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىدە: «كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش- ئاساسىي قانۇننى قىلچە ئاساسسىز دەپسەندە قىلغانلىق» ماۋزۇلۇق باش ماقالە ئېلان قىلىندى.
ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: ئابې شىنزۇنىڭ شەخسىي مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇنى ئاساسىنى قايتا ئورنىتىش سەمىمىي سۆزلىشىش سۆھبىتىدە كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش تەلەپ قىلىنغان دوكلات سۇندى.
ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ 9-ماددىسىدا ئۇرۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش، ئۇرۇش كۈچىنى ساقلىماسلىق بەلگىلەنگەن، لېكىن ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىلمىگەن. ئەمما ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئەڭ كىچىك دائىرە بىلەن چەكلىنىشى كېرەك دېيىلگەن. گەرچە ئايرىم قوغدىنىش ھوقۇقى ئەڭ كىچىك دائىرىگە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيە ھۇجۇمغا ئۇچرىمىغان ھەمدە باشقا دۆلەتلەر قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ قايتۇرما زەربە بېرىشتە كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن ئەھۋاللار زۆرۈر بولغان ئەڭ كىچىك دائىرىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، ئاساسىي قانۇندا بۇنىڭغا يول قويۇلمايدۇ.
لېكىن سەمىمىي سۆزلىشىش سۆھبىتىدىكى دوكلاتتا بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈشنىڭ يېرىمى ئۆزگەرتىلدى، يېڭى چۈشەندۈرۈشتە كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى زۆرۈر بولغان ئەڭ كىچىك دائىرىگە مەنسۇپ دەپ ئېتىراپ قىلىندى ھەمدە بۇ ئاساستا كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش تەلەپ قىلىندى.
بۇ ھەم ئاساسىي قانۇن چۈشەندۈرۈشىنى ئىنكار قىلغانلىق، ھەم ئۇرۇشتىن كېيىنكى بىخەتەرلىكنى قوغداش سىياسىتىدىكى زور بۇرۇلۇش، نېمە ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن چۈشەندۈرۈشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئاساسلار يەنىلا ئاجىز دېيىشكە بولىدۇ؟
ھازىرقى ئاساسىي قانۇننى چۈشەندۈرۈشتە بىر قانچە نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلەر 30 نەچچە يىل چىڭ تۇردى، بۇ ياپونىيەلىكلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئەگەر ھەر بىر كابېنت ئاساسىي قانۇن چۈشەندۈرۈشىنى خالىغانچە ئۆزگەرتسە، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى تەۋرىتىپ قويىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئاساسىي قانۇن روھىغا خىلاپ.
ئەگەر كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشتا يەنىلا چىڭ تۇرۇلسا، پارلامېنتتا ئاۋاز بېرىش ياكى پۇقرالار ئاۋاز بېرىش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ 9-ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كىرگۈزمەسلىك ھەققىدە خەلقنىڭ پىكىرىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئابې شىنزۇ مۇخبىرلار يىغىنىدا كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە توغرا كېلىدىغان ئىككى خىل ئەھۋالنى چۈشەندۈردى ھەمدە ھازىرقى ئاساسىي قانۇن چۈشەندۈرۈشىدە قوغدىنىش قىسمى بۇ پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنالمايدۇ، دېدى. 1-، ھازىر چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا ئىش چىققاندا پاناھلىنىدىغان ياپونىيەلىكلەرنى توشۇيدىغان ئامېرىكا پاراخوتلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئەھۋال، لېكىن نۇرغۇن نۇقتىئىنەزەرلەر شۇنى كۆرسەتتىكى بۇ خىل ئەھۋالدا كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنىڭ زۆرۈريىتى يوق، ئايرىم قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپلا بۇنىڭغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. 2-، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتىگە قاتناشقان باشقا دۆلەتلەرنىڭ قىسىملىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، قوغدىنىش قىسمى قوغدىنىش بىلەن تەمىنلىگەن ئەھۋال، بۇ خىل ئەھۋال كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى مەسىلىسىنىڭ ماھىيىتىدىن ئايرىلىشنى تاللىغاندا، خەلققە ئىشلارنى تېخىمۇ ئاسان چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن مەقسەت- كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشقا شارائىت يارىتىش.
دوكلاتتا ياپونىيەنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بۇ ماددىنى قاندۇرغان ئەھۋالدا، ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم چىقىرىش ئارقىلىق، زۆرۈر بولغان ئەڭ كىچىك دائىرىدە كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ، يۈرگۈزمەسلىك ھەققىدە قارار چىقىرىش تەكلىپ قىلىندى، بۇ ئاتالمىش مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىنى چەكلىك بىكار قىلىش تەپەككۇرى.
باشقا ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە زور تەسىر كۆرسەتتى دەپ قارىغان ھامان نېمە قىلغۇسى كەلسە، شۇنى قىلسا بولىدۇ. ماھىيەتتە بۇ مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلغانلىق.
بىز تارىخنى ئەسلەيدىغان بولساق، نۇرغۇن تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرى ئۆزىنى قوغداش نامى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنىڭ ئورۇشقا باشلايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر