باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭغا نۇرغۇن ياردەم بەردى

2014.05.19 09:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2010-يىلى مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ كەسىپتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ يىل 1-پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، 53 مەركەز كارخانىسى شىنجاڭدا پىلانلاپ مەبلەغ سالغان تۈر 685 كە، پىلانلاپ سالغان ئومۇمىي مەبلىغى بىر تىرىليون 850 مىليارد يۈەنگە يەتتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن 19 ئۆلكە، شەھەردىكى دۆلەت كارخانىلىرى شىنجاڭدا پىلانلاپ مەبلەغ سالغان تۈر 103، سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 204 مىليارد 742 مىليون يۈەن بولۇپ، 2013-يىلىنىڭ بېشىدىكىدىن 12 مىليارد 704 مىليون يۈەن ئاشقان. گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ يى مۇنداق دېدى: مەركەز كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن 19 ئۆلكە، شەھەردىكى دۆلەت كارخانىلىرى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن كەسىپتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقى ۋە سۈرئىتىنى يەنىمۇ تېزلەتتى: 1-شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلۇش قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق، ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلىرى ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلىرىنى قوللاشنى يەنىمۇ زورايتتى؛ 2-ھەمكارلىق، تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئۆزلۈكسىز يېڭىلاپ، شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىق، تەرەققىياتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەندىزىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلدى ۋە بۇ ھەقتە ئىزدەندى؛ 3-شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشتە تېخىمۇ زور رول ئوينىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر