باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مودى ھىندىستاننىڭ زۇڭلىسى بولغاندىن كېيىن، غەرب بولغان مۇناسىۋىتى قانداق بولىدۇ؟

2014.05.20 16:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھىندىستان چوڭ سايلىمى ئاياغلاشتى، مودى رەھبەرلىكىدىكى ھىندىستان خەلق پارتىيەسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى؛ بۇ دۆلەتلەر گەرچە يېڭى دېھلىنى يەنىلا مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى دەپ قارايدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇندىن بۇيان ئۇلارنىڭ مودىدىن ئىبارەت بۇ مىللەتچى پارتىيە رەھبىرى بىلەن مۇناسىۋىتى ئانچە ياخشى بولماي كەلگەن، ھازىر مودى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش-بىر قول تۇتىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.

  ھىندىستان خەلق پارتىيەسى ھىندىستاندىكى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە نۇرغۇن غەرب ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى تېلېگرامما يوللاپ تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مودىنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلدى ھەم بىر-بىرى بىلەن بولغان ئورتاق مەنپەئەتىنى تەكىتلىدى.

  مودى ئەسلىدە ھىندىستان گۇجىرات ئىشتاتىنىڭ رەھبىرى ئىدى، 2002-يىلى بۇ ئىشتاتتا دىنىي قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن، نۇرغۇن ئادەم ئاشۇ قالايمىقانچىلىقتا يارىلانغان ۋە قازا قىلغان، مودى بولسا بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدى دەپ ئەيىبلىنىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان؛ 2005-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى سەۋەب قىلىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا بېرىشىنى رەت قىلغان. ئامېرىكا پارلامېنتى 2005-يىلى ھەتتا بىر قارار ماقۇللاپ، مودىنىڭ قالايمىقانچىلىقتا ئوينىغان رولىغا قارىتا ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇنى ئىرقچىلىقنى تەرغىب قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن.

  2005-يىلى ۋىزا ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا بىر دىپلوماتىيە مەخپىي تېلېگراممىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، مودى رەھبەرلىكىدىكى ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى كەيپىياتى كۈچلۈك، ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئاجىز دېگەن ئىدى.

  غەربنىڭ قارشى تۇرۇشى ئارقىسىدا، مودى نەزىرىنى شەرققە ئاغدۇرۇپ، شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولدى. ئۇ ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بەل باغلىدى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوڭ دۆلەت بولغان قوشنىسى جۇڭگودىن ئۈلگە ئېلىشنى ئۈمىد قىلدى.

  دىپلوماتىيە ئەربابلىرى مودى زۇڭلى بولغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ياپونىيەنى زىيارەت قىلىپ، مىللەتچىلىك ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھاتتا ئۆز بىلەن بىر يولدىكى ئابى شېنزو بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى.

  ئامېرىكا كارنىگ خەلقئارا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋاشناف ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى شۇنى كۈچلۈك تونۇپ يەتتىكى، ئامېرىكىنىڭ مودى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ياكى مودى ھەققىدە ئازراقمۇ چۈشەنچىسى يوق، بۇ ئامېرىكىغا بەكلا پايدىسىز، شۇڭا بارلىق ئاماللارنى قىلىپ، ئۆز ئارا مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تېرىشماقتا دېدى.

  بۇ قېتىمقى سايلام مەزگىلىدە، مودىنىڭ غەلىبە پۇرسىتى بارغانسېرى كۈچەيدى، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى نائىلاج تېزدىن تۇتۇش قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن مودىنىڭ ئۆز ئارا نارازىلىقىنى تۈگىتىش ئۈستىدە ئىزدەندى.

  پات ئارىدا ۋەزىپىسىدىن بوشىنىدىغان ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاندىكى باش ئەلچىسى نانسى پوۋېل بۇ يىل 2-ئايدا مودى بىلەن كۆرۈشكەن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىمۇ مودى زۇڭلىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولسا، ۋىزا بېجىرىشنىڭ چوڭ مەسىلە ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلدۈرگەن.

  ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ يېڭى دېھلىدىكى باش ئەلچىلىرىمۇ تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، مودىغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن، چوڭ سايلامدىن بۇرۇن، مودى بىلەن ئالدىراش كۆرۈشۈشكە باشلىغان.

  ھىندىستان چوڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مودىغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنى باشلاپ چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەم ئۇنى كەلگۈسىدە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.

  ئاقساراينىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئوباما مۇنداق دېگەن: مەن ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مودى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى كۈتۈۋاتىمەن. ئوباما بىلەن مودى ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ئامېرىكا ئالغا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېكلاند مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ مەنپەئەتى بىردەك، مەن مودى رەھبەرلىكىدە، ھىندىستاننىڭ مەنپەئەتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى چوڭ دەرىجىدە ئوخشىمايدۇ دەپ قارىمايمەن. ھىندىستان ئامېرىكىغا ئوخشاشلا بىر مۇقىم، تىنچ جەنۇبىي ئاسىيا مۇھىتىغا موھتاج؛ ئۇلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىقلارنىڭ تەھدىتلىرى.

  گەرچە ئورتاق مەنپەئەتى ئاساسەن بىردەك بولسىمۇ، لېكىن مودىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن دوستلۇقنى قانداق ئورنىتىشى ناھايىتى مۇھىم. 9-ئايدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى بىر پۇرسەت، شۇ چاغدا مودىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر