باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شىكايەت قىلىش ھەققىدە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتتى

2014.05.21 08:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى جىن زېگۇاڭ 19-ماي ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بوكاسنى چاقىرتىپ، ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا قارىماستىن، جۇڭگونىڭ بەش ھەربىي ئەمەلدارى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشنى جاكارلاشتا چىڭ تۇرغانلىقى توغرىسىدا كەسكىن سۆزلەشتى ۋە ئېتىراز بىلدۈردى. جىن زېگۇاڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قەستەن پاكىت ئويدۇرۇپ چىقتى، ئاتالمىش توردا مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاش دېگەن بانا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەربىي خادىملىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپ، جۇڭگو ئامېرىكا تور بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا قارىتا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان. جۇڭگو بۇنىڭدىن كۈچلۈك نەپرەتلىنىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. جىن زېگۇاڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو خادىملىرىنى ئەيىبلىشى يوق يەردىن پۇتاق چىقارغانلىق، باشقىچە غەرەزدە بولغانلىق. جۇڭگو ئامېرىكىدىن بۇنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، بۇ خىل پائالىيەتنى ھەقىقىي توختىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. جىن زېگۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ سۆزلىشىش ھەمكارلىشىش ئارقىلىق تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سەمىمىيىتىنىڭ كەمچىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان تور خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيىتىنى توختىتىشنى قارار قىلدى ھەمدە ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش ئەيىبلىشىگە يەنىمۇ ئىنكاس قايتۇرىدۇ. جۇڭگو ئامېرىكىنى خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىپ، جۇڭگونىڭ ھەربىي خادىملىرىغا قارىتىلغان ئاتالمىش ئەيىبلەشنى بىكار قىلىشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر