باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جۇڭگو ھەربىيلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلغانلىقى توغرىسىدا سۆھبەت بايان قىلدى

2014.05.20 17:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گېڭ يەنشېڭ 20-ماي ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جۇڭگو ھەربىيلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلغانلىقى توغرىسىدا سۆھبەت بايان قىلدى.

  گېڭ يەنشېڭ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ ۋاقتى 19-ماي، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئاتالمىش «تور سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش» باھانىسى بىلەن، بەش جۇڭگولۇق ھەربىي ئۈستىدىن ئەرز قىلدى. جۇڭگو بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ ۋە بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئامېرىكىغا بۇنىڭغا ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگونىڭ تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىزچىل، ئېنىق. جۇڭگو تور بىخەتەرلىكىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسى تور ئارقىلىق سودا مەخپىيەتلىكى ئوغرىلايدىغان ئىشلارنى ئەزەلدىن قىلىپ باقمىدى ياكى ئارىلىشىپ باقمىدى. ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «تور سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش» قاتارلىق گەپلىرى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك، كۆز بويامچىلىق، باشقىچە غەرەزدە بولغانلىق. جۇڭگو ئامېرىكىدىن جۇڭگوغا قارىتىلغان توردا مەخپىيەتلىك ئوغرىلاش ۋە ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، ئوغرىلىقچە كۆزىتىش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بېرىشنى ھەمدە بۇنداق ئىشلارنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھازىر جۇڭگو-ئامېرىكا ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى تەرەققىياتى ياخشى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىشى ئۆزى بەرگەن «ساغلام، مۇقىم، ئىشەنچلىك ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈچۈن تېرىشىش » ۋەدىسىگە خىلاپ، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا ئىشەنچىسىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. ئامېرىكا سەمىمىي بولۇپ، ئىككى دۆلەت، ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر