باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاسىيا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقىنىڭ پاخشى پەيتى

2014.05.20 16:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپ، تىنچ، مۇقىم ۋە تەرەققىي قىلغان ئاسىيا بەرپا قىلىشغا تۇرتكە بولدى.

  ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنى قازاقىستان پىرېزىدېنتى نەزەربايىف 1992-يىلى 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 47-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان. ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى ئەڭ ياش ۋە ئەڭ كۆپ خىللاشقان مۇنبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، چېتىلىدىغان بىخەتەرلىك تېمىسى ئەڭ كەڭ ھەم نۆۋەتتىكى ئەڭ مول ئىستىقباللىق بىخەتەرلىك رامكىلىرىنىڭ بىرىغا ئايلاندى. كەلگۈسى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى قۇرۇلغان 22 يىلدىن بۇيان، ئۆز ئارا ئىشىنىش تەدبىرىنى يولغا قويۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئەزا دۆلەتلەر ئەڭ دەسلىپىدىكى 14 دىن 24 كە كۆپىيىپ ھازىرغىچە 3 قېتىم باشلىقلار يىغىنىنى، 4 قېتىم دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە بىر نەچچە قېتىم خىزمەت ئورگانلىرىنىڭ يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى پائالىيىتىنىڭ رامكىسىدا كۆپلىگەن ھۆججەتلەرنى ئىمزالىدى، ئۇندىن باشقا يەنە كۆپلىگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ۋە مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيەلەرنى ئۆتكۈزدى. ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى يەنە خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن پائال ئالاقە ئورناتتى.

  ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ياكى ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يېقىندا ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 4-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۆز ئارا ئىشەنچىسىدىن پايدىلىنىش ۋە ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئاساسىدا، سۆزلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئەزا دۆلەتلەر ئورتاق يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. جۇڭگو ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 4-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئارقىلىق، ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى قاراپ چىقىشىغا كەڭ سەھنە ۋە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشنى قوغداشدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ يوشۇرۇن تەرەققىيات كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك قازىدۇ.

  جۇڭگو ئەڭ دەسلىپىدە، ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنى قۇرۇشنى قوللىغان ئىدى. ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى جۇڭگونىڭ پائال قاتنىشىشنىڭ تۈرتكىسىدە بىرلىككە كەلگەن ئىناق بىخەتەرلىك بوشلۇقىنى ئورنىتىش قارشى ۋە تەدبىرىنى توزۇپ ۋە يولغا قويۇپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈردى. بىز، ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 4-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ ساھىبخان دۆلەت جۇڭگونىڭ ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  جۇڭگو يېقىندا، ئاسىيا يېڭى بىخەتەرلىك قارشىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئورتاق بىخەتەرلىك، ئۇنىۋېرسال بىخەتەرلىك، ھەمكارلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بىخەتەرلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى، بىز بۇ قاراشنىڭ ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىشىنىمىز.

  ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، ئاسىيانىڭ «ئەركىنلىك ھەممىدىن ئەلا» قېلىپىنى ئاددىيلا ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەر تەشەببۇس قىلغان بىر قىسىم كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر ئالماشتۇرۇشىنىڭ مۇنبىرى دەپ قاراشقان بولىدۇ. ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى ئاسىيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ قىممەت قارشىغا ۋە مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئېتىبار بەردى ھەمدە ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئويلىشىشدەك رىياللىق ئاساسىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر مەزكۇر رايوننىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە ياردەم بەردى. ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرى كېڭىشى ئاسىيانىڭ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقى ۋە ئاسىيانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىغا تۇرتكە بولۇش جەريانىدا مەسىلىنى ئەتراپلىق ئويلايدۇ.

  نۆۋەتتە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنىلا ھەل قىلىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. 2008- يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بىر دۇنيا، ئوخشاش ئارزۇ دېگەن شوئار بىزنىڭ ئەينەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. تىنچ، مۇقىم بولغان ۋە ھەمكارلاشقان ئاسىيانى بىرلىكتە ئورنىتىش، بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز ۋە نىشانىمىز. ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىگە قاتنىشىدىغان ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر بىر ئاسىيادا، ئوخشاش ئارزۇدا بولۇپ، يېڭى ئاسىيانى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر