باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ شاڭخەي باشلىقلىرى يىغىنى بۈگۈن ئېچىلدى

2014.05.21 08:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 4-قېتىملىق شاڭخەي باشلىقلار يىغىنى بۈگۈن شاڭخەيدە ئېچىلدى. باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو «ئورتاق بىخەتەرلىك، ئۇنىۋېرسال بىخەتەرلىك، ھەمكارلىق بىخەتەرلىكى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بىخەتەرلىك ئۈستىدە ئىزدىنىش»دىن ئىبارەت ئاسىيا بىخەتەرلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ،«ئاسىيا ئېڭىنى قايتىدىن يارىتىپ، ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۆز ئارا ئىشىنىشكە بولغان تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى» ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ باشلىقلار يىغىنىدىكى ئىككى چوڭ يارقىن نۇقتا. بۇنىڭدىن باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن بىخەتەرلىك جەھەتتە قانداق ھەمكارلىق مۇددىئاسى بار، ئاسىيا رايونى ھەتتا رايون سىرتىدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر، ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ بىخەتەرلىك مېخانىزمى بۇندىن كېيىن قانداق تەرەققىي قىلىدۇ دېگەن مەسىلىلەرمۇ دىققەتنى تارتىدۇ، 46 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى، مەسئۇلى ياكى ۋەكىللىرىنىڭ يۈر تۇرانە ئۇچرىشىشى ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان بىر قانچە چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش بىلەن بىللە جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى يەر شارىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان باشقا بىر يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە، باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمىتى پۈتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر