باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش تەسكە توختىدى

2014.05.20 16:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى، بىراق سۆھبەتتە ئىلگىرلەشلەر بولماستىن، سۆھبەتكە قاتناشقان تەرەپلەر بىر بىرنى ئەيىبلەشكە باشلىدى.

  ئىراننىڭ -ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت بىلەن ئىلىپ بارغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبىتى 16-ماي ۋېنادا ئاخىرلاشتى، سۆھبەتتە ھېچقانداق ئەمەلىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر سىرتنى چۆچۈتتى، سۆھبەتنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىر بىرنى ئەيىبلەشكە باشلىدى. 17-ماي ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى ئىراننىڭ يادرو ھوقۇقى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشكە بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، غەرب ئەللىرىنى سۆھبەتتە ئوتتۇرغا قويغان بىر قىسىم تەلەپلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمىدى دەپ ئەيىبلىدى.

  17-ماي، ئىراننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى قوشۇمچە مۇئاۋىن سۆھبەت ۋەكىلى ئاراكچى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىراننىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا شەرتنامىلەرگە ئاساسەن ئىگە بولغا يادرو ھوقۇقى ئىراننىڭ سۆھبەتكە قاتنىشىشنىڭ شەرتلىرىنىڭ بىرى، بۇ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى ئالاھىدە تەكىتلىدى : غەرب ئەللىرى تالاش تارتىش ئۈزۈلمەيۋاتقان ئاراق ئېغىر سۇ رېئاكتورى تۈرىگە قارىتا بىر قىسىم ئەقىلگە سىغمايدىغان تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىران بۇندىن ئىلگىرى، نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان ئېغىر سۇ رېئاكتورى تېخنىكىسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، بىراق تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق بۇ تۈرنى ئۆزگەرتىپ، يادرو رېئاكتىپ ماددىسى بولغان پلۇتونىي مەھسۇلاتىنى ئەڭ دەسلىپىدىكى لايىھەلەنگەن مەھسۇلات مىقدارىنىڭ بەشتىن بىر قىسىمىغا ئازايتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتتە غەرب ئەللىرى ئىراندىن بۇ تۈرنىڭ توك تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئازايتىشنى ياكى ئۇنى باشقا تىپتىكى رېئاكتورغا ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى، ئىران بۇ تەلەپنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ.

  ئاراق ئېغىر سۇ رېئاكتورى تۈرى ئىزچىل تۈردە تالاش تارتىش بولۇپ كېلىۋاتقان نۇقتىلىق مەسىلە بولۇپ كەلدى. چۈنكى بۇ رېئاكتوردىكى ماددىلارنىڭ بىرى بولغان پلۇتونىي ئاتوم بومبىسىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم خام ماتېرىيال، غەرب ئەللىرى ئىزچىل تۈردە ئىراننىڭ بۇ تۈردىن پايدىلىنىپ يادرو قوراللىرىنى مەخپىي تەتقىق قىلىۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلىپ كەلگەن، ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى تەشكىلاتى بۇندىن ئىلگىرى، ئىراننىڭ بۇ تۈرىنى تېخنىكا جەھەتتىن ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ئالاقىدار تەكلىپلەر ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەتنىڭ ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشكەن. بۇ رېئاكتورنىڭ لايىھەدىكى يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 40 مېگاۋات، ئىران شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇ رېئاكتورنى تەدرىجىي نۆۋەتتە تېھراندىكى بىر تېببىي ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان يادرو تۈرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ داۋالاش ساھەسىدە ئىشلىتىدىغان رادىئوئاكتىپ مەنبەگە ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان.

  ئىراننىڭ بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلىرى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ غەرب ئەللىرىنىڭ سۆھبەتكە قىلچىمۇ سەمىمىيتىنى بىلدۈرمىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى. ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئافراسىياف مۇنداق دېدى: غەرب ئەللىرى سۆھبەتتە ئەمەلىيەتكە زادىلا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر قىسىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ، سۆھبەتكە ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە، سۆھبەت چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش باسقۇچىغا كىرگەندە ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە ئىراننىڭ تېررىتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن باشقا ھەربىي تۈرلىرىنى ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىم توغرىسىدىكى سۆھبەت مۇساپىسىگە ئىلىپ كۆرمەكچى بولدى، بىراق ئىران ئىزچىل تۈردە بۇ تۈرلەر ۋە ياكى پىلاننىڭ ئىراننىڭ دۆلەت موداپىئە ئىشلىرى ئىكەنلىكىنى، يادرو پىلانى بىلەن قىلچىمۇ مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقىنى تەكىتلەپ، ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ يادرو پىلانىنىڭ تىنچلىقنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشەلمەسلىكى بۇندىن ئىلگىرى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇش كەيپىياتنى يوققا چىقاردى، شۇنداقلا كەلگۈسى سۆھبەتكە بىر قارا كۆلەڭگە پەيدا قىلدى. بىراق نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىمنى ھاسىل قىلىشتا يەنىلا ئۈمىد ساقلانغان. ئاراكچى مۇنداق دېدى: سۆھبەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلانماقتا. بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپ ھەر دەرىجىلىكلەرنىڭ سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈپ، تۈرلۈك مەسىلىلەردە كېڭەشتى، بىراق ئىختىلاپ چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەت نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 6-ئايدا ئىران يەنە ئالتە دۆلەت بىلەن ئاز دېگەندىمۇ بىر ئىككى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۇستىدە داۋاملىق كېڭىشىدۇ، نۆۋەتتە پۈتكۈل سۆھبەتنى مەغلۇپ بولدى دېيىشكە بولمايدۇ.

  ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى ھامىينىينىڭ مەسلىھەتچىسى ۋىلايەتمۇ 17-ماي مۇنداق دېدى: مېنىڭچە يادرو سۆھبىتى قاتمال ھالەتكە كىرىپ قالمىدى، ئىران يادرو مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەكىتلەيدۇ، ئىراننىڭ قارىشىچە، ئىران چوڭقۇر قاتلامغا كىرگەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتتە يېتەرلىك سەمىمىيتىنى ۋە جانلىق پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق باشقىلارنى ئەيىبلەشكە ئادەتلىنىپ قالغان ئىران ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا، سۆھبەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىش ئېرىشەلمەسلىكىدە غەربنىڭ پوزىتسىيىسى ئىنتايىن مۇھىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر