باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ تورلىرىغا زەربە بېرىش ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى

2014.05.21 08:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئاتالمىش توردىن مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاش دېگەن نامدا جۇڭگونىڭ بەش ھەربىي ئەمەلدارى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، مۇخبىر بۇ ھەقتە جۇڭگو دۆلەتلىك ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسىنى زىيارەت قىلدى. بۇ باياناتچى مۇخبىرغا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ تورىغا ھۇجۇم قىلىش ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا نۆۋەتتىكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توردىن مەخپىيەتلىكنى ئوغۇرلۇغۇچى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ تورىغا باش ھۇجۇم قىلغۇچى دۆلەت.

  بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، ئۇزۇندىن بۇيان، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئاپپاراتلىرى، كارخانا، ئۇنىۋېرسىتېت، تېلېگراف ئاساسلىق تورلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغان، ھۇجۇم قىلغان ۋە تاجاۋۇز قىلغان. ئامېرىكىنىڭ ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ رەھبەرلىرى، ئادەتتىكى تورداشلار، يانفون ئابونىتلىرى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. جۇڭگو نۇرغۇن قېتىم ئامېرىكا بىلەن كەسكىن سۆزلىشىپ، ئامېرىكىدىن بۇ خىل خاتا ھەرىكىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكىتى توغرىسىدا جۇڭگو خەلقىدىن ھېچقانداق ئەپۇ سورىمىدى ھەمدە بۇ خىل ھەرىكىتىنى توختاتمىدى. باياناتچى مۇنداق دېدى: جۇڭگو تور بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدىغۇچى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەر قانداق شەكىلدىكى تور جىنايىتى ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگوغا قارىتىلغان ئاساسسىز ئەيىبلەشكە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈدىغان بولسا، جۇڭگو تەدبىر قوللىنىپ قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر