خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي شاڭخەيدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىڭپىڭ 19-ماي شاڭخەيدە موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئېلبېگدورج بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىڭپىڭ مۇنداق بىلدۈردى، جۇڭگو –موڭغۇلىيە تاغ-دەريالىرى تۇتۇشۇپ كېتكەن دوستانە قوشنا دۆلەت، ئىككى دۆلەت ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ بولۇپ ئۆتۈشىمىز كېرەك، قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە مۇھىم غەمخورلۇقلىرىغا ئۆزئارا مەدەت بېرىشىمىز كېرەك.
شى جىڭپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى، مەن جۇڭگو – موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن ۋە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى زىچ ئالاقە ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە ئىقتىسادتا بىر بىرىمىزنى تولۇقلاش ئېھتىياجىمىز كۈچلۈك. جۇڭگو تەرەپ مۇڭغۇلىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىنى قانات يايدۇرۇپ، قايسىمىز ئۇتۇپ-ئۇتتۇرۇپ قويدۇق ، قايسىمىز كۆپ پايدا ئېلىپ، قايسىمىز ئاز پايدا ئالدۇق دېيىشمەيمىز. جۇڭگو تەرەپ قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت «ئۈچ بىر گەۋدە، بىرتۇتاش ئالغا سىجلىتىش» پىرىنسىپىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، جۇڭگودىكى كۈچلۈك كارخانىلارنى موڭغۇلىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيەنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىدۇ، موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش رامكا ئىچىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ئېلبېگدورج جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇڭغۇلىيەنىڭ مەنپەئەتىگە تولۇق كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، تەيۋەن ۋە شىزاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە جۇڭگو تەرەپنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (مۇخبىر دۇ شاڭزې، پېي گۇاڭجياڭ)