باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چىچىخار شەھىرىدە ئېنىق بولمىغان چۈشۈپ كەتكەن بۇيۇم بايقالدى

2014.05.19 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16-ماي خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چىچىخار شەھىرىدە ئېنىق بولمىغان چۈشۈپ كەتكەن بۇيۇم بايقالدى، مۇخبىر تۈنۈگۈن دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، مۇتەخەسسىسلەر نەق مەيداندا بۇ بۇيۇملارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بۇ بۇيۇملار توشۇغۇچى راكىتا ياكى سۈنئىي ھەمراھنىڭ پارچىلىرى ئىكەن دەپ قارىغان. باشقا خەۋەرگە قارىغاندا، 17-ماي سەھەردە چىچىخار شەھىرى يىئەن ناھىيەسى مېڭ چياڭ كەنتىدىكى دېھقانلار ئېتىزلىقتا يەنە چۈشۈپ كەتكەن ئېنىق بولمىغان ئۈچ گۇمانلىق نەرسىنى بايقىغان. بۇنىڭ بىر پارچىسىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن بىر جىڭ 8 سەر كېلىدىكەن، يۈزىدە روشەن كۆيۈپ كەتكەن ئىزنالار بار ئىكەن.

  خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك ھەربىي رايوننىڭ ئالاقىدار تارمىقى بۇ ئېنىق بولمىغان بىر قانچە پارچە جىسىمنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، رادىياكتىپلىق ماددىلارنىڭ يوقلۇقى، نىتروگېن قالدۇقلىرىنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، بۇنى نىتروگېن ئىتتىرگۈچى بولىشى مۇمكىن دەپ جەزملەشتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر