باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى تۈركۈمدىكى ئايال ھۆرمەت قاراۋۇللىرى دىپلوماتىيە مۇراسىمىغا قاتناشتى

2014.05.13 18:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزدىكى ئۈچ ئارمىيەنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئايال ھۆرمەت قاراۋۇللىرى تۈنۈگۈن دىپلوماتىيە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو ۋە چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرىشىدىن ئۆتتى.

  ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنىڭ 07 تىپلىق مۇراسىم كىيىمىنى كىيگەن، مېھمان كۈتۈش مىلتىقىنى تۇتقان 13 ئايال ئەسكىرى ھەربىي بايراق گۇرۇپپىسى ۋە قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىلىرىنىڭ ئارىسىغا تىزىلىپ، ئەر ھۆرمەت قاراۋۇللىرى بىلەن پارات مۇزىكىسى ساداسى ئىچىدە پاراتتىن ئۆتتى.

  ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى بېنتاۋ مۇنداق دېدى: بۇ ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتى قۇرۇلغان 62 يىلدىن بۇيان تۇنجى بولۇپ قوبۇل قىلىنغان ئايال ئەسكەرلەر، ئۇلار بۇ قېتىم تۇنجى قېتىم دىپلوماتىيە مۇراسىمى ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ۋە ئارمىيەمىزنىڭ ھەيۋىسىنى نامايەن قىلىشقا پايدىلىق.

  تۇنجى تۈركۈمدە تاللانغان ئايال ھۆرمەت قاراۋۇلى 30 بولۇپ، ئۇلارنىڭ %80 ى ئالىي تېخنىكومدىن يۇقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، بوي ئېگىزلىكى 1.73 تىن يۇقۇرى، ئۇلار بۇ يىل 2-ئايدا ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىگە كىرگەن، ئۇلار ئۈچ ئاي قاتتىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق دىپلوماتىيە مۇراسىمى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش تەلىپىگە يەتكەن، ئايال ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ چاچ پاسونىنى مەخسۇس لايىھىلىگۈچ لايىھىلىگەن، ئۇلار ئېلىمىزنىڭ ئايال ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە قىياپىتىنى نامايەن قىلىدۇ.

  ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ليۇ خەيمىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئايال ئەسكەرلىرى ئۇرۇش قىلىش، مەسىق قىلىش ۋە تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىش داۋامىدا بارغانسېرى رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ كەلمەكتە، يەنە كېلىپ خەلقئارا ئالاقە سەھنىسىگە يۈزلەنمەكتە، ئايال ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆپەيتىش تاشقى ئالاقە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ تەلىپى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر