باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كۆپ خىللاشقان نازارەت قىلىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرىدۇ

2014.02.07 08:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشچە، 2014-يىلى، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى مەمۇرىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى كۆپ تەرەپلىك نازارەت قىلىشقا يۆتكەپ، كۆپ خىللاشقان نازارەت قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى نارازىلىق ئەرزى، تەپتىش پىكرى، تەكشۈرۈش جەريانىدىكى قانۇنسىز قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل نازارەت ۋاستىسى ئارقىلىق، ئۈنۈملۈك ھۆكۈم، ياراشتۇرۇشنامىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى، ئەرز قىلىش تەرتىپىدىكى سوت خادىملىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرى ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى قانۇنسىز ئەھۋاللارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى، ھەقىقىي تۈردە كۆپ خىللاشقان نازارەت قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلامدىكى تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ھەق تەلەپ دېلولىرىنى مەمۇرىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش خىزمىتىدىكى ئاساسلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى مەمۇرىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى تەپتىش مەھكىمىلىرى ياراشتۇرۇشنى نازارەت قىلىش، ھۆكۈم سوتىچىلارنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىش، ئىجرانى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى نۇقىتلىق ھالدا ياخشى ئىشلەپ، ئەدلىيە جەھەتتىكى چىرىكلىكنىڭ ئارقىسىدىكى خىزمەت ۋەزىپىسىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشتەك جىنايى قىلمىشلارنى ئەرز قىلىشنى قوللاش، ئەرز قىلىشقا دەۋەت قىلىش ۋە بايقاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ھەق تەلەپ دېلولىرىنى مەمۇرىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش مۇلازىمتى ۋە ئىقتىسادىي ئىجىتىمائىي تەرەققىياتنىڭ فۇنكىسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەرز قىلىشنى قوللاش، ئەرز قىلىشقا دەۋەت قىلىش، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا دەۋەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىغا چېتىلغان، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر