- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كومپيۇتېر پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ يىللىق سېتىلىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى
2012.12.12 15:14 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىر جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: 12-ئاينىڭ 8-كۈنىگە قەدەر، 2012-يىللىق كومپيۇتېر پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 100 مىليارد 139 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تۇنجى قېتىم 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق سېتىلىش مىقدارى (99 مىليارد 690 مىليون يۈەن)دىن 19.99 پىرسەنت ئاشتى، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە سېتىلغان پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 72 پىرسەنتىنى ئىگىلىدى، دۆلەت ئۈچۈن 33 مىليارد 300 مىليون يۈەن جامائەت پاراۋانلىق فوندى جۇغلاپ بەردى. كومپيۇتېر پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ پايچېكى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سېتىش مىقدارى رېكورتىنى يارىتىپ، يەنە بىر ئابىدە خاراكتېرلىك بۆسۈشنى ئىشقا ئاشتى. (پەن يۆ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە