مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2021-يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان چېگرا سىرتىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

2021.03.24 19:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 22-مارت كەچتە خەلق سارىيىدا جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2021-يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان چېگرا سىرتىدىكى ۋەكىللەر بىلەن سىن شەكلىدە كۆرۈشتى. دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى، خەلقئارادىكى داڭلىق ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى ۋە ئاساسلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار قاتناشتى.

  باۋارىيە ماشىنىسازلىق ياسىمىچىلىق پاي شىركىتى (BMW) گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى زىپسې، چياۋشۈي (Bridgewater) مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى دالىئو، خۇڭلى پۇل مۇئامىلە گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى گاۋ رۈيخۇڭ، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كۇك، باۋچېڭ گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋېي لىسى، دايملېر پاي شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى كاڭ لىنسۇڭ، پارىژ ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى بۇگىنىئون قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، ئۇلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا لى كېچياڭدىن سوئال سورىدى. لى كېچياڭ بىر-بىرلەپ جاۋاب بەردى.

  لى كېچياڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن سۈپەت مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو ئىقتىسادى مۇسبەت ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بىز بۇ يىللىق كۆزلىمە نىشاننى %6 تىن يۇقىرى قىلىپ بېكىتتۇق، بۇنىڭدا ھازىرقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئىكەنلىكى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە يەنە ئېنىقسىزلىق بارلىقىنى نەزەردە تۇتۇپلا قالماي، كېلەر يىللىق، كېيىنكى يىللىق نىشان بىلەن سىلىق جىپسىلاشتۇرۇشنىمۇ كۆزدە تۇتتۇق. %6 تىن كۆپرەك بولۇش نىشانى تۆۋەن ئەمەس، يۇقىرى چەك بېكىتىلمىدى، ئەمەلىي ھەرىكەت جەريانىدا تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.

  بىز پىلان تۈزۈش ئەمەس، بەلكى كۆزلىمىنى يېتەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي دىسكىسىنى مۇستەھكەملەشكە ئەھمىيەت بېرىمىز، مۇقىم ئېشىشنى ساقلاش بىلەن بىللە، تېخىمۇ مۇھىمى كۈچەپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قەدەر تولۇق بولغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىزچىل ئاشقان ئاھالىلەر كىرىمى، ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بار بولۇش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈش لازىم. بۇ يىل شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچى تەخمىنەن 14 مىليون بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى يەنىلا ناھايىتى ئېغىر، 11 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

  قىسقىسى، بىز ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىما چىقىرىش ئېغىر بولۇش بەدىلىگە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە بازار سۇبيېكتىنىڭ جانلىقلىقى ۋە ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، غايەت زور ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېچىۋېتىش − جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يولى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىردى، ئىككىسىنى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان قوش يۆنىلىشلىك، كۆپ يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق قوش پايدا ئېلىش، كۆپ پايدا ئېلىش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  لى كېچياڭ يەنە يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشى، نامراتلارنى ئازايتىش ۋە مائارىپ، پۇل مۇئامىلىنى ئېچىۋېتىش، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەل ۋەكىللىرى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بازىرىغا داۋاملىق چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ