مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2021.03.19 18:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ئاچقۇچنى ياخشى ئىگىلەپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى خىزمەتلەرنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. زور ئىجتىمائىي سىياسەت مەسىلىلىرىگە دىققەت قىلىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چوڭ شەھەرلەردىكى تۇرالغۇ گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تەمىناتىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەشنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. راۋاجلاندۇرۇش بىلەن قېلىپلاشتۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇپا ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خىزمەتنىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە ئالدىن كۆرەرلىكىنى كۈچەيتىپ، بىخ ھالىتىدىكى، قانۇنىيەتلىك مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، قاراتمىلىق تەدبىر قوللىنىپ گەۋدىلىك زىددىيەتلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئىقتىساد خىزمىتىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رايون زور ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بېيجىڭنىڭ پايتەختتىن باشقا فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداشنى ئورتاق تۇتۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»كە كۈچەش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۈچەپ ياخشىلاش كېرەك. «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇش رېتىمىنى ياخشى ئىگىلەپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر بەلباغ، بىر يولنى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندىن ئىلگىرى، خەن جېڭ مىنىستىرلىق، شۆبە مەھكىمە، ئىدارە ۋە باشقارما، ئىشخانىلارغا كىرىپ كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئويلىشىش ۋە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ