خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كۇۋەيت ئەمىرى ناۋاف بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كۇۋەيت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈنسايىن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە ئۆز ئارا چۈشىنىشىپ ۋە ئۆز ئارا قوللىشىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا يېقىندىن ماسلاشتى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو-كۇۋەيت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. مەن جۇڭگو-كۇۋەيت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ئەمىر ناۋاف بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش رامكىسى ئىچىدە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
ناۋاف تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۇۋەيت-جۇڭگو مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم، ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ چوڭقۇرلاشماقتا. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى رامكىسى ئىچىدە نۇرغۇن زور تۈرلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى بىرلىكتە قوغدىدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى دۆلەت پائال ماسلاشتۇرۇشنى ۋە قويۇق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. مەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ كۇۋەيتنىڭ باش ۋەزىرى ساباھ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن كۇۋەيت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئوڭۇشلۇق راۋاجلىنىپ، سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىش كۈنسايىن مۇستەھكەملىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، پۇل مۇئامىلە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو كۇۋەيت بىلەن جۇڭگو-كۇۋەيت ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ساباھ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۇۋەيت بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم ۋە قويۇق، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول. كۇۋەيت ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دوستانە ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى