مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ كولومبىيە ئاممىسىغا ۋىدېيودا سۆز قىلدى

2021.03.22 13:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كولومبىيەنى تەمىنلىگەن ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى ۋاكسىنا شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى كولومبىيەنىڭ پايتەختى بوگوتاغا يەتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كولومبىيە زۇڭتۇڭى دۇكنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كولومبىيە ئاممىسىغا ۋىدېيودا سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىرادىلىكلەرگە تاغ-دەريالار يىراق بىلىنمەيدۇ. بىپايان تىنچ ئوكيان جۇڭگو-كولومبىيە خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى توسۇپ قالالمايدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 41 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-كولومبىيە مۇناسىۋىتى تارىخىي تەرەققىياتقا ئېرىشتى. جۇڭگو كولومبىيەنىڭ يەر شارىدىكى ئىككىنچى چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى، جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلار كولومبىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتناشتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى رەڭدار، ئېسىل بولدى، جۇڭگو-كولومبىيە دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى دۆلەت ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇردى. يېقىندا، كولومبىيە سېتىۋالغان ئىككى تۈركۈمدىكى جۇڭگو ۋاكسىنىسى يەتكۈزۈلدى، بۈگۈن يەنە بىر تۈركۈم ۋاكسىنا يەتكۈزۈلۈپ، كولومبىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش پىلانىغا مەدەت بېرىلدى. مەن جۇڭگو-كولومبىيە ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى تارىخىي باشلانمىدا، جۇڭگو بىلەن كولومبىيەنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۇ كۈنى، سىرتتا خىزمەت تەكشۈرۈۋاتقان زۇڭتۇڭ دۇك مەخسۇس ئالاھىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەتكە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى تارقاتتى. دۇك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە قېرىنداش جۇڭگو خەلقىنىڭ كولومبىيە خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقى ۋە كولومبىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا كۈچلۈك مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش __ كولومبىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ كەڭ ئورتاق تونۇشى. كولومبىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، كولومبىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ