مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تۇڭلۇننىڭ لائوسنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

لى كېچياڭ پانكامنىڭ لائوس ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تېلېگرامما يوللاپ تەبرىكلىدى

2021.03.24 12:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 23-كۈنى لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى توڭلۇنغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ لائوسنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن لائوس-تاغ-دەريالىرى تۇتىشىپ تۇرىدىغان دوست قوشنىلار، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىدا يېڭى تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئارا ئىشىنىشتە يېڭى يۈكسىلىش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقتا يېڭى قەدەم تاشلاندى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت-تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى دەۋرىگە كىردى. ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان، بىز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى روھىنى جانلىق شەرھلەپ، قېرىنداشلارچە دوستلۇقنى مۇستەھكەملىدۇق ۋە چوڭقۇرلاشتۇردۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو-لائوس مۇناسىۋىتى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. مەن جۇڭگو-لائوس مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ پانكامنىڭ لائوس ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تېلېگرامما يوللاپ تەبرىكلىدى، ئۇ زۇڭلى پانكام بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ