مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەزا ياڭ جيېنىڭ شىنجاڭ يېزا ئېلېكتىر تورلىرىغا مەركەزنىڭ مەبلەغ بىلەن قوللاش سىياسىتى بېرىشى توغرىسىدىكى تەكلىپى

2021.03.09 13:22 مەنبە: خەلق تورى

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قۇتۇبى ناھىيەلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، قۇتۇبى ناھىيەسى بازىرى شەنشى مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى ياڭ جيې

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى» ۋە دۆلەت «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى (2018- يلىدىن 2022- يىلىغىچە)، ھەمدە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى قاتارلىقلاردىكى مۇھىم ۋە زور قۇرۇلۇش، مۇھىم ۋە زور پىلان، مۇھىم ۋە زور ھەرىكەتنى چۆرىدەپ، يېزا-كەنتلەرنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. نۆۋەتتە، شىنجاڭ يېزا ئېلېكتىر تورلىرى يېزىلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، يېزا ئېلېكتىر تورلىرىنى سىجىل ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ توك ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشى، يېزىلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەللىشىشى ۋە دېھقانلارنىڭ تېخىمۇ بېيىشىغا كۈچ قوش كېرەك.

  1.شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنىڭ تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە يېزىلارنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يەنىمۇ تېزلەشتى، كەڭ يېزىلارنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجى يەنىمۇ كۈچەيدى. شىنجاڭنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسى جەمئىي 88 ناھىيە ۋە شەھەرگىچە بولۇپ، چەت، نامرات رايونلاردىكى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ سانى 56 گە يېتىپ، ئومۇمىي ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ %63.64ىنى ئىگىلىگەن. چەت-ياقا رايونلارنىڭ كۆپىنچىسى تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە ۋە قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، تەبىئىي شارائىتى ۋە قاتناش شارائىتى ناچار، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنىڭ تەننەرخى يۇقىرى بولماقتا. دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ «شىنجاڭنىڭ يېزا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئىشلارنى قوللاش توغرىسىدىكى ئالاقە ھۆججىتى» (دۆلەت ئېنېرگىيە يېڭى ئالاقە ھۆججىتى〔2015〕 42 نومۇرلۇقتا)تا، «ئەسلىدىكى يېزا ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ۋە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ %50لىك مەركەز مەبلىغى نىسبىتى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش دائىرىسىنى پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭەيتىش، ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەركەز مەبلەغ نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش» سىياسىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «ئېغىر نامرات رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ھەرىكەت لايىھەسى ( 2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)نىڭ ئۇقتۇرۇشىنى بېسىپ تارقاتتى» (تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات رايونىنىڭ 〔2018〕1810 نومۇرلۇقتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىگە ئالدى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ مەبلەغ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى تەتقىق قىلىپ، توك بىلەن تەمىنلەشتىكى مۇقىملىقنى ۋە سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈستۈرۈش لازىم.

  2. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست بولسا دۆلەت بېكىتكەن ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئاجىز، تىرانسفورموتور پونكىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى يېتەرسىز بولۇپ، لىنىيەلەرنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش رادىئۇسىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئومۇمىي توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئىشەنچلىكلىكى بىراز تۆۋەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا كۆمۈر بايلىقى قىس، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش قىس ۋە باھا يۇقىرى بولغاچقا، ئاھالىلەر (بولۇپمۇ يېزا ئاھالىلىرى)نى پار بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى ئۇزۇندىن بېرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنمىدى، ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  3. 1998- يىلى 1-، 2- قارارلىق يېزا ئېلېكتىر تورلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن باشلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئېلېكتىر تورلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا مەركەز ياردەم مەبلىغى بېرىش سىياسىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 15 ناھىيەگە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغنىڭ %50ىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى، 2010- يىلىدىن كېيىن، بۇ ياردەم يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە چېگرا لىنىيەسىگىچە كېڭەيتىلدى، نامرات ناھىيەلەردىن جەمئىي 54 ناھىيە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغنىڭ %50ىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى، قالغان 34 ناھىيە يۇقىرىقى 54 ناھىيە بىلەن جۇغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتە تۇتاش بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇلار يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلاشقان رايونلارغا تەۋە بولۇپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى ياردەم مەبلىغىنىڭ %20ىنى ئىجار قىلغان. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ %50ىگە مەركەز كاپىتالى سىياسىتىنى ئىجرا قىلدى. ئاپتونوم رايوندىكى 35 ناھىيە بىڭتۈەن رايونى بىلەن تۇتاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ پەقەت %20ىگە مەركەز كاپىتالى سىياسىتى ئىجرا قىلىندى. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى شىزاڭ بىلەن ئوخشاشلا مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونغا تەۋە. شىزاڭدا يېزا ئېلېكتىر تورى مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى ياردەم مەبلىغىنىڭ %80ىنى ئىجار قىلغان، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە نامرات ناھىيە، چېگرا ناھىيەلىرىدە بولسا مەركەزنىڭ كاپىتال سىياسىتىنىڭ پەقەت %50ى ئىجرا قىلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ ئۇللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى كۈچلۈك ئېلېكتىر كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، مەن مۇنداق تەكلىپ بېرىمەن:

  بىرىنچى، دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورلىرىنى ئۆزگەرتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشىنى، ھەمدە مەركەزنىڭ مەبلەغ جەھەتتىن قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىككىنچى، شىنجاڭدىكى چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ مۇھىتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ شىزاڭ بىلەن ئوخشاشلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايوندىكى نامرات ناھىيە، چېگرا ناھىيە قاتارلىق 56 ناھىيەنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورلىرى تۈرىگە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغ ياردىمى بېرىش نىسبىتىنى ئەسلىدىكى %50لىك نىسبەتتىن %80كە ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، باشقا 32 ناھىيەنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورلىرى تۈرىگە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغ ياردىمى بېرىش نىسبىتىنى ئەسلىدىكى %20لىك نىسبەتتىن %50كە ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ